يانفون كېسىلىنىڭ 15 تۈرلۈك سىگىنالى

  • A+
سەھىپە:تەرمىلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر مۇشۇ ۋاقلىقىڭىز خەيرىلىك بولغاي . ھازىر جەمئىتىمىزدە بىزخىل يېڭى كېسەللىك بايقالدى . ئۇ بولسىمۇ تېلىفۇن كېسىلى بۇلۇپ يامرىشى ئىنتايىن تىز بولدى . تۆۋەندە بۇ كېسەلنىڭ بىزگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى بايان ئەيلىمەكچىمەن .
1. كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى
ئۇزۇن ۋاقىت يانفۇن ئىكرانىغا تېكىلىپ قارىغاندا ئاسانلا كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە كۆز قۇزغاقلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولماسلىق
يانفۇن يېنىدا بولمىسىلا بەزىلەردە بىرخىل قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ .
3. ئارقا-ئارقىدىن قىسقا ئۇچۇر يوللاش
بەزىلەر مەيلى خىزمەت ۋاقتىدا بولسۇن ياكى خىزمەتتىن چۈشكەندە بولسۇن ، قىسقىسى بوش ۋاقىت تاپسىلا يانفوندا ئارقا-ئارقىدىن ئېلېكتورۇنلۇق يوللانمىلارنى يوللايدۇ ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاش بىلەنلا مەشغۇل بولىدۇ ، ھەتتا يېنىدا تۇرغان ئادەمگىمۇ قىسقا ئۇچۇر يوللايدۇ .
4. باش ئاغرىش
ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئىشلەتكەندە باش ئاغرىيدىغان ، ئاسان چارچايدىغان بولۇپ قالىدۇ . ھەتتا دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ .
5. نىشاننى پەرىق ئېتىش سېزىمى ناچارلاش
بەزىلەردە ھەر قانداق يەرگە بارسا خەرىتىدىن ئايرىلالمايدىغان ، ماڭغان يولىنى ئېسىگە ئالالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .
6. يانفوننى ياستۇقنىڭ يېنىدا قۇيۇش
تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە ، يانفوننىڭ ئارلىقى ئادەم بەدىنى بىلەن بەك يېقىن بۇلۇپ كەتسە ، ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
7. قۇلاققا يانفوننىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇرۇش
بەزىلەر يانفوننىڭ ئاۋزىنى يۇقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ، ھەتتا بەزىدە يانفوننى يېنىغا ئېلىۋالمىغان بولسىمۇ ، خۇددى يۇنفونى سايراۋاتقاندەك ياكى تىترەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ . بۇخىل تۇيغۇ يانفونغا زىيادە كۆنۈپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ .
8. ھاجەتخانىغا يانفون ئېلىپ كىرىش
بەزىلەر مەيلى ھاجەتخانىغا ياكى ھوجرىغا كىرگەندە بولسۇن ، ئىشقىلىپ يانفوننى 24 سائەت يېنىدىن ئايرىمايدۇ .
9. باش بارماق كىسىلى
توختىماي يانفوندا تورغا چىقىش ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاش باش بارماقنىڭ تارتىشىپ ئاغرىشىنى پەيدا قىلىدۇ ، بۇ تېببى ئىلىمىدا باش بارماق پەي غىلىپى ياللوغى دەپ ئاتىلىدۇ .
10. يېگەن-ئىچكەننى سۈرەتكە تارتىش
بەزىلەر تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ، تاماقنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ تورغا چىقىرىپ ، سۈرەتنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ .
11. كۆز ئارقىلىق ھىسيات ئالماشتۇرۇشنى ياقتۇرماسلىق
دائىم يانفون ئىشلەتكەندە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆز ئۇچرىشىشى ئازىيىپ كېتىدۇ . ھەتتا باشقىلار بىلەن كۆز ئارقىلىق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ .
12. ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئاز جەم بۇلۇش
ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن نەچچە ئايغىچە كۆرۈشمەيدۇ . پەقەت تور ئارقىلىقلا قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ .
13. تېلېفون نۇمۇرنى ئەستە تۇتالماسلىق
بەزىلەر يانفوننىڭ توكى قالمىغان ياكى يانفون يېنىدا بولمىغان چاغلاردا يېقىن ئادەملىرىنىڭ تېلېفون نۇمۇرنىمۇ ئېسىگە ئالالمايدۇ .
14. يولدا كېتىۋېتىپمۇ يانفون ئويناش
بەزىلەر يانفون ئوينىغاچ ماشىنا ھەيدەيدۇ ، خىزمەت قىلىدۇ ھەتتا پىيادە ماڭغاچمۇ ئوينايدۇ . بۇ بەزىدە خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ .
15. دۈمچەك بولۇپ قېلىش
ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئويناشتەك يامان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە بەزىلەردە دۈمچەك بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: