تۇرا يەنە چاپان ئالماشتۇردى

ئەلدەربەگ 266 1
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئۇزۇندىن بىرى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بىلوگقىمۇ قاراپ بولالمىدىم ، ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدا بىكەت ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالايمىقان بولۇپ كەتتى ، گەرچە بىكەتنى ۋاقتىدا توسۇپ قالغان بولساقمۇ ئەپسۇن بىكەتنى قايتىدىن يەنى 0 باشلاشقا توغرا كىلىپ قالدى شۇ سەۋەپتىن بىلوگنى قايتىدىن يېزىۋاتىمەن . 0 دىن باشلاپ يازىدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇرۇن ئىشلەتكەن ( ھەممىڭلارغا مەلۇمكى Begin ئۇسلۇبىنى دىمەكچىدە ) ئۇسلۇپلانى ئىشلەتمەي يېڭى ئۇسلۇپ ئىشلىتىشنى يەنى ھەممىنى 0 دىن باشلاشنى ئويلاپ PandaPRO ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈگەن بىراق يەنىلا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇپ qux ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلىپ قىسقىغىنە مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇسلۇپنى شۇنچىلىك قىلدىم ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەلدەربەگ ۋە تارقۇت تور تۇرايىنىڭ كىلىپ چىقىشى ئۈستىدە ئازراق پاراڭ قىلاي
تۇرا يەنە چاپان ئالماشتۇردى
ئەلدەر + بەگنىڭ بىلوگ دۇنياسىدا بارلىققا كىلىشى
كەمىنە ئىنتايىن ئۇيۇن پەز ( ئۇيۇننى ياخشى كۈرىمەن دىمەكچىدە ) با ، كاللام ئىشلىمەمدىكىن دىسەم ئانچە - مۇنچە ئىشلەپ قالىدۇ بولمىسا ئىشنى قىلىپ ئەپلەپ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۇرۇپلا شەرەپ بىلەن ئارمىيگە قاتناشتىم ئىككى يىللىق مەجبۇرىيەتنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كىلىپ ھازىرقى ئىش ئورنىمغا ئىشقا چۈشكەن بولدۇم ئۇ يىللاردا كىچىكلا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولغاچقا جەميەتتە بىر مەزگىل ئويناپ يۈرگەنمۇ بولدۇم ، كىيىن ۋاڭ بالاردا كىزىپ يۈرۈپ بىلوگ دىگەن ئۇقۇمنى بىلدىم ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيگە تور ئىلىپ كىردىم دە بىلوگ دىگەن بۇ ئۇقۇم بىلەن تۇنۇشۇپ چۈشۈنۈپ بىر بىلوگ يەنى ئەلدار بىلوگىنى ئەمدى بىلىشىم كاساپەت كىم بىلسۇن بۇ BlogBos نىڭ ئاخىرقى زامانلىرى WordPress نىڭ مودا بۇلىۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىدى ، مەندەك ئەمدىلا html تۇنىغان ئادەمگە نىسپەتەن بىراقلا php لىق بەتكە ئاتلاش بەك ئېغىر كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن جاھىللىق بىلەن بىر يىل ئەتراپىدا يەنىلا BlogBos ئويناۋەردىم سەۋەبى بۇ مىنىڭ html كودلىنى تۇنۇش ئاساسىنى سالغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن 2012- يىلى تۇنجى رەسمى بىلوگىم لۇتۇنبەگ بىلوگىنى ( lutunbag.com ) قۇردۇم ۋە بىلوگچىلىق ھاياتىمنى باشلىدىم ، كىيىن بىلوگقا كەلگەن باھالاردىن تور دۇنياسىدىمۇ بىر تەخەللۇسنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىپ ئەلدەر + بەگنىڭ = ئەلدەربەگ نامىدا تور دۇنياسىدا مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدىم .
تۇرا يەنە چاپان ئالماشتۇردى
تارقۇت تور تۇرايى دۇنياسىدا بارلىققا كىلىشى
شۇنداق ئۇ ئۈتۈپ كەتكەن يىللاردا كۆپلىگەن بىلوگ قۇرغان ۋە يۇقاتقان بولدۇم ، چۈنكى مەن بىر ئۈگەنگۈچى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇساقتا ئۇماچ يوق تەلەپ يۇقىرى باشقىلارغا بىر دەيسىز ئىككى دەيسىز شۇنىڭ بىلەن قەتئى تىرىشىپ بىر بىلوگنى بىمالال ماڭدۇرۇش ئىستىكى پەيدا بولدى ھەم بۇ يولدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئارتۇچ تور تۇرايىنى ( artuq.me ) قۇردۇم ۋە بىر تەرەپتىن ئۈگەنگەچ بىر تەرەپتىن مىنىڭ ھالىتىمدىكى تىرىشىۋاتقان باللارغا قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلدىم ، ئارتۇچ تور تۇرايى مىنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ماڭا ھەقىقى بىلوگ خۇمارىغا يەتكۈگەن بىلوگىمدۇر تۇلىمۇ ئەپسۇس مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىسىم ئالماشتۇرۇش توغرا كىلىپ قالدى نىمە ئامال شۇنىڭ بىلەن تارقۇت تور تۇرايى بىلوگ دۇنياسىدا قەد كۈتۈردى .
خۇلاسە
بۈگۈندىن باشلاپ تۇرايىمىز نورمال يۈرگۈزىلىدۇ ئەگەر ياردەمگە ئىھتىياجىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ، مەيلى قانداقلا بولسۇن تور دۇنياسىدىكى تەرەققىيات قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ ، كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ مىنى ۋە باشقالارنى ( پۈتۈن پېرگىراممىرلانى دىمەكچىدە ) قوللاپ قۇيىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن !

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ

  1. كەۋسەر

    مۇبارەك! يېڭى چاپان يارشىپتۇ! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!