كومپىيۇتىردىكى جاھىل ۋىرۇسلارنى تازلاشنىىڭ 10 خىل ئەپچىل ئۇسۇلى

  • A+
سەھىپە:كومپىيۇتىر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەن مۇشۇ ۋاقلىقىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ، باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن . بىلوگىمىز ئۇقۇرمەن دوستلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى چىن كۆڭلىمىز دىن ئۈمۈت قىلىمىز . ئەمسە نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن .

1 . Internet Explorer(IE) دىكى ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش
ۋىروس تازلاش يۇمشاق دىتالى مەلۇم قىلغان ۋىروسلار ئەگەر تۆۋەندىكىدەك بولسا يەنى ، c:/Documentes and Settings/administrator/Local Settings/Temporary Internet Files/ ، بۇنداق ۋىروسلار كۆپۈنچە ھاللاردا توربەت كۆرگۈچتىن يۇققان بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ تور كۆرگۈڭىزگە ياماق قاچىلانمىغان بولسا ، كومپىيوتىرڭىزنىڭ ۋىرۇسلىنىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا ئاددى ئۇسۇل . Internet Explorer(IE دىكى ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت .
2 . ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى كۆرسىتىپ قويۇش
بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى تۇلۇق كۆرسىتىپ قۇيۇش كىرەك . (قوغدالغان ھالەتتىكى مەشخۇلات سىستىمىسى ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ، نۇرغۇنلىغان ياغاچ ئات ۋىروسلىرى قوش كىڭەيتىلمە نام ئىشلىتىش ۋە ھۆججەت خارەكتىرىنى يۇشۇرۇش ھالىتىگە كىرىۋالغان بولغاچقا ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋىرۇسلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ .
3 . << سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش >> ئىقتىدارىنى تاقاش
سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بولسا سىستېمىنى ئوڭشاشتىكى ئەڭ قۇلايلىق ، ئەڭ تىز بولغان بىرخىل قۇرال . سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىسىدىن بىرنى قۇرىۋىلىپ ، سىستېمىدا خاتالىق كۆرۈلگەن ياكى ۋىرۇس يۇققانلىقىنى بايقىغان ھامان ، كومپىيۇتىرىمىزنى نىسبەتەن بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكىلەلەيمىز ۋە سىستېمىنى ئوڭشىيالايمىز . ئەگەر ۋىرۇس c:/System Volume Information / مۇندەرجىسى ئاستىدا بولسا ، ئىلگىرى قۇرىغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش نوقتىسىدا ۋىرۇس ساقلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . تازلاش ئۇسۇلى سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى تاقاش ياكى ئىشلىتىشنى چەكلەشتىن ئىبارەت . بۇ ۋاقىتتا ئەسلىگەكەلتۈرۈش نوقتىسى ۋە ۋىرۇسلار ئۆچۈرلىدۇ . بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ، سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى قايتا ئېچىپ ، ۋىرۇسسىز نۇقتىنى قايتا قۇرساق بولىدۇ .
4 . ۋىرۇسلىنىش جەريانىنى ئاخىرلاشتۇرۇش
ۋەزىپە باشقۇرغۇچىنى ئېچىپ ، غەيري جەريانلارنى تېپىپ چىقىمىز . ۋىرۇسلىنىش جەريانىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئاپتوماتسىز ۋىرۇس ئۆلتۈرۈشتىكى بىر خىل ئۇسۇلدۇر .
5 . << قوزغىلىش تۈرى >> ئىچىدىكى قوزغىلىش ۋە توختىتىش مۇلازىمىتىنى تەڭشەش
ۋىرۇس بەزىدە مۇلازىمەت شەكلىدە يۇقىدۇ . شۇڭا يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ۋىرۇس پىروگىراممىسىنى تاقىۋەتسەك بولىدۇ .
6 . بىخەتەر بولغان ئابونىت مەخپىي نۇمىرى قۇرۇش
ئاددى بولغان مەخپىي نۇمۇر ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ ، خاككىرلار ئاسانلا يېشىۋىتەلەيدۇ . شۇڭا مۇرەككەپرەك بولغان مەخپىي نۇمۇر ئورنىتىش كىرەك .
7 . ئارلاپ ۋىرۇس تازلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش كىرەك
8 . بىخەتەر ھالەتكە كىرىش
نورمال ھالەتتە ۋىرۇسلارنى تەلتۆكۈس تازلىغىلى بولمىسا ، بىخەتەر ھالەتكە كىرىپ تازلاش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ . ئەگەر بۇ ئۇسۇلدىمۇ بولمىسا ، بۇيرۇق ھالىتىدىكى بىخەتەر ھالەتكە كىرىش لازىم .
9 . ئورتاق پايدىلانغان ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاقىۋىتىش
10 . تىزىملاش جەدىۋىلى تەھرىرلىگۈچى ئارقىلىق ، ئاددى بولغان ئۆچۈرۈش ، تەھرىرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش
بۇ ئۇسۇلنىڭ خەتىرى نىسبەتەن چوڭراق ، ئەگەر مەشغۇلاتقا پىششىق بولمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى قوللانمىغىنىڭىز تۈزۈك .
ئاپتورى : مەتقاسىم مەتقۇربان

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: