بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

  • A+
سەھىپە:تەرمىلەر

ئەسكەرتمە : نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

بىر ياشتا مېڭىشنى ئۆگىتىش كېرەك

شاڭخەي شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ سۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلاردىن بەك بالدۇر مېڭىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئىككى پۇتقا چۈشىدىغان بېسىم ئېغىرلاپ، بەل، دۈمبە سۆڭەكلىرى، مۇسكۇللار مۇكەممەل يېتىلمەي، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كۆتۈرۈلمەي، پۇت سۆڭەكلىرىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا بالىلىق مەزگىلىدە «Oشەكىللىك پۇت» بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، كۆپىنچىسى «يىراقنى كۆرەلمەيدۇ». بالىلار بالدۇر مېڭىشنى ئۆگەنگەندە، يىراقتىكى نەرسىلەرنى ياخشى كۈرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشچانلىقى ۋە فوكۇس ئارىلىقىنى تەڭشەشكە تىرىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاپ زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

ئىككى ياشتا تۈز سىزىق سىزىشنى ئۆگىتىش كېرەك

شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار رەسىم سىزسا مۇسكۇللارنىڭ كونترول قىلىش كۈچى، قول بىلەن كۆزنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقى ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. 25 ئايلىقتىن 30 ئايلىق بولغۇچە بالىلار تىك سىزىق، گورىزونتال سىزىق سىزالىسا بولىدۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندە يۇمىلاق، كىرېست شەكىللەرنى تەقلىد قىلىپ سىزسا بولىدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بالا قەلەم تۇتالايدىغان بولغاندا بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزىشى بالىدىكى ماھىيەتلىك سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل قىزىقىشىنى قوغداپ، بەك بالدۇر كۆپ تەلەپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بولمىسا، سەزگۈر بالىلار مۇشۇ سەۋەبلىك رەسىم سىزىشنى رەت قىلىشى مۇمكىن.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

ئىككى، ئۈچ يېشىدىن باشلاپ چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش كېرەك

چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ۋاقتى زىيادە بالدۇر ياكى بەك كېيىن بولۇپ كەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى، ئۈچ ياشلىق مەزگىل بالىلارنىڭ تىل مۇسكۇللىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن مەزگىلى بولغاچقا، بۇ تىل تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش، تاۋۇش تەقلىد قىلىش، سۆزلۈك قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قورامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۆلچەملىك چەت ئەل تىلى سۆزلەشكە پايدىلىق. ئۆگەنگەندە تىل قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئالدى بىلەن ئاڭلاش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئارقىدىن ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، بالىلاردىكى تىل خاتالىقىغا كەڭچىلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. نورمال ئوقۇتۇش ۋە كىشىلىك ئالاقىگە تەسىر يەتمىسىلا، دەرھال تۈزەتمىسىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەندە چوقۇم ئويۇن ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ، دىققىتىنى توختىماي يۆتكەش كېرەك. ئۆلۈك ۋە قارىغۇلارچە ھالدا يادلاش پەقەت بالىنىڭ روھىي بېسىمىنى ۋە قارشىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

تۆت ياشتا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشسا بولىدۇ

كومپيۇتېرنىڭ رادىياتسىيەسى كۈچلۈك بولغاچقا، بالىلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى يېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئېكرانىغا قاراش بالىلارنىڭ كۆزىگە ئىنتايىن زىيانلىق. ئادەتتە، تۆت ياشتىكى بالىلار كومپيۇتېردا سۈرەت كۆرۈش، «تەربىيەلەش ئويۇنلىرى» نى ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىر ئاز قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار كومپيۇتېر ئوينىسا ئاتا-ئانىسى چوقۇم ھەمراھ بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كۈنلۈك ئۇچرىشىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

بەش ياشتا چالغۇ بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا بولىدۇ

بەش ياشتىن ئاشقان بالىلارغا سىستېمىلىق مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا قۇلاق، كۆز، قول ۋە مېڭىنىڭ تەڭ ئىشلىتىلىشى كۈچىيىدۇ، بۇ مېڭىنى ئاچىدىغان ئالىي دەرىجىلىك «ئويۇن» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۈچ، تۆت ياشلىق بالىلارنى مۇزىكا ئۆگىنىشكە زورلىغاندا، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يوقايدۇ، ھەتتا پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەش ياشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ سۆڭەك، بوغۇملىرى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل چالغۇ مەشىق قىلغاندا قول بوغۇملىرى ۋە پەيلەرنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

ئالتە ياشتا ۋېلىسىپىت مىنسە بولىدۇ

بالىلارنىڭ سۆڭىكى يۇمشاق ھەم ئېلاستىكلىققا ئىگە بولغاچقا، شەكلى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، يەنە كېلىپ مۇسكۇل كۈچى ئاجىز بولغاچقا، ۋېلىسىپىت مىنىشنى بەك بالدۇر ئۆگەنسە بېغىش ۋە داس سۆڭىكى ئاسان زەخىملىنىشى مۇمكىن. پۇتتا بەك كۈچىگەندە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ پۇت «X» شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا بەزى بالىلار تاش مايماق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋېلىسىپىت مىنىشنى كېيىنرەك ئۆگىنىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ بالدۇر ئۆگىنىشكە بولمايدۇ. دەسلەپتە ئۈچ چاقلىق بالىلار ۋېلىسىپىتىدىن باشلاپ ئۆگەنسە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى، بالىنى توغرا ئولتۇرغۇزۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

ئالتە ياش ئەتراپىدا ئوڭ-سولنى ئايرىشنى ئۆگىتىش

چەت ئەلنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ئالتە ياشقا كىرگەندە ئوڭ-سولنى ئايرىش ئويۇنلىرىنى ئويناشنى باشلىسا بولىدىكەن. ئەمما دۆلىتىمىزدە بالىلار 26 ئايلىق بولغاندىلا چوكا تۇتۇپ تاماق يەيدىغان بولغاچقا ئوڭ قولىنى بىلەلەيدۇ. ئوڭ-سول ئايىغىنى ئايرىشنى كۆپ قىسىم بالىلار 33 ئايلىق بولغاندا بىلەلەيدۇ. ئەگەر بالىغا ئوڭ-سولنى ئايرىشنى بەك بالدۇر ئۆگەتكەندە، بالا بۇنى پەقەت مېخانىكىلىق ئەستە قالدۇرۇۋېلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالىدۇ.
بالىلارغا بۇ ئىشلارنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

يەتتە يېشىدا چاقلىق كانكى تېيىلىشنى ئۆگىتىشكە بولىدۇ

چاقلىق كانكى تېيىلىشتا ئىككى پۇت ئۇچرىغان كۈچ تەكشى بولمىسا، بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. كانكى تېيىىغاندا بەل، تىز، ئوشۇق بەدەننى كۈچەپ تىرەپ تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا كۈچنى توغرا ئىشلەتمىگەندە بەل، تىز، ئوشۇق زەخىملىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا ئالتە ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كانكى تېيىلسا مۇۋاپىق. كانكى تېيىلىغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى، قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى ياخشى تاقىشى كېرەك.

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: