ئامېرىكا ئۆسمۇرلىرىنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرس

  • A+
سەھىپە:ئەدەبىيات

ئامېرىكا ئۆسمۇرلىرىنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرس

بۇ بىر ئادەتتىكى بالىلار باغچىسى

يېڭىلا باغچىغا كىرگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باغچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئىنتايىن بەھۇزۇر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاشقا تەييارلاندى.
بىر ئازدىن كېيىن باغچە كۈتۇپخانىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئارقسىدىكى جاھازىلارغا لىققىنە كىتاب تىزىلغان ئىدى.
-«ياخشىمۇسىلەر بالىلار، مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بىرەي بولامدۇ-بولمامدۇ؟» ئۇ شۇنداق دېيىشى بىلەن بالىلار بىردەك چۇقۇراشتى :
- بولىدۇ!!
ئۇ كىتاب جاھازىسىدىن بىر پارچە كىتابنى ئالدىدە، ئىنتايىن ئاددىيغىنە بالىلارھېكايىسىىدىن بىرنى بالىلارغا ئوقۇپ بەردى.
-«بالىلار»، -دېدى، ئۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، قولىدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ-، «بۇ ھېكايە دەل مۇشۇ كىتابقا يېزىلغان، بۇ كىتابنى بىر يازغۇچى يېزىپ چىققان، سىلەرمۇ چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق كىتابلارنى يېزىپ چىقالايسىلەر.»
ئوقۇتقۇچى بىرئاز توختىۋالغاندىن كېيىن ، بالىلاردىن سورىدى:
-«ئاراڭلاردىن قايسى دوست، كۆپچىلىككە ھېكايە سۆزلەپ بىرەلەيدۇ؟»
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا، بىر كېچىك دوست ،ئورندىن تۇرۇپ:
-« مېنىڭ بىر دادام بار، يەنە بىر ئاپام بار،…يەنە، يەنە مەنمۇ بار،…» دەپ توختاپ قالدى. ئۇنىڭ يۇمران ئاۋازى زال ئىچىدە جاراڭلىدى.
ئەمما، ئوقۇتقۇچى بىر پارچە ناھايىتىمۇ سۈپەتلىك قەغەزگە، ئەستايىدىللىق بىلەن رەتلىك قىلىپ، بۇ بالىنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالدى.
-«ئەمدى، قايسىڭلار بۇ دوستۇڭلارنىڭ ھېكايىسىگە ماسلاشتۇرۇپ قىستۇرما رەسىم سىزىپ بېرەلەيسىلەر؟» دەپ سورىدى، ئوقۇتقۇچى بايىقى بالىنىڭ ھېكايسىنى خاتىرىلەپ بولغاندىن كېيىن.
بىر كېچىك دوست ئورنىدىن تۇرۇپ، قەغەزگە بىر «دادا»،بىر «ئاپا» ۋە بىر نەپەر«مەن» نى سىزىپ چىقتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سىزىغىنى ھېچبىر ئادەمگە ئوخشىمايتى.
ئوقۇتقۇچى يەنىلا ئىنتايىن ئەستايىدىل ھالدا، ئۇنىڭ سىزىپ چىققان رەسىمىنى بايامقى ھېكايە بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تۈپلىدى، ئاندىن يەنە بىر پارچە كۆركەم قەغەز بىلەن بۇ «كىتاب» نى مۇقاۋىلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاپتۇرنىڭ نام-شەرىپىنى، قىستۇرما رەسىم ئىشلىگۇچىنىڭ نام –شەرىپىنى، «نەشىر» دىن چىققان يىل، ئاي، كۈنلىرىنى يېزىپ قويدى.
ھەممە ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى بۇ «كىتاب» نى ئېگىز كۆتۇرۈپ شۇنداق دېدى:
-«بالام قارا، بۇ سەن يازغان تۇنجى كىتاب! بالىلىرىم، كىتاب يېزىش ئۇنچە قېيىن ئەمەس، سىلەر تېخى بەك كىچىك، شۇڭا پەقەت مۇشۇنداق كېچىك كىتابلارنى يازالايسىلەر، لېكىن سىلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن چوڭ كىتابلارنى يېزىپ، مەشھۇر ئادەملەردىن بولالايسىلەر!»
شۇنداق قىلىپ بۇ بالىلارنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرىسى ئاياقلاشتى، بالىلار ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «قالتىس» ئىكەنلىكنى تونۇپ يېتىشتى.
-بۇ جۇڭگو دۆلەتلىك ئائىلە تەربىيسىى تورى بىزگە تەمىنلىگەن بىر ھەقىقى ھېكايىدۇر.

مەنبە: ئوقوتقۇچىلار كۇلۇبىدىن ئېلىندى

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: