كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى

  • A+
سەھىپە:شېئىرلىرىم

تېلىفۇننى تاشلاپ يىراققا ،
كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
كىرىپ بىزمۇ ئادەم سىياققا ،
كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !

كىتاب بۈيۈك ، ئىلىم كانىدۇر ،
كىتاب كۈڭۈل ، گۈلىستانىدۇر .
كىتاب ئۆزلۈك ، شەرەپ-شانىدۇر ،
كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !

نادانلىققا ياغدۇرۇپ ئوقنى ،
بار قىلايلى تىرىشىپ يوقنى .
تارقىتايلى روھى ئۇزۇقنى ،
كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !

كىتابسىز بەخت قارا ئەمەسمۇ ؟
بەخت قارىسى خاتا ئەمەسمۇ ؟
كىتاب خۇشبۇي گىياھ ئەمەسمۇ ؟
كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !

كىتابسىز بەخت قارا ئەمەسمۇ ؟
بەخت قارىسى خاتا ئەمەسمۇ ؟
كىتاب خۇشبۇي گىياھ ئەمەسمۇ ؟
كۈندە بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: