سىز ئامراق قەھۋەنىڭ مۇنداقمۇ روللىرى بار

  • A+

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىرازىلىيە قەھۋەسى مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماي ، تېخىمۇ بەكرەك بىرازىلىيەنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك ، كەيپىياتنى روھلاندۇرۇپلا قالماي چىراي گۈزەللەشتۈرىدىغان تەبئىي گۆھەر دەپمۇ قارىلىدۇ . ئۇنداقتا بىز بۇ بىرازىلىيە قەھۋەسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى .
ياشلىقنى ساقلاپ قالىدۇ
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مۇھىت بۇلغىنىشىدىن، ھېرىپ-چارچاشتىن، تاماكا ئىسىدىن ۋە ئېكرانلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن ساقلىنىپ بولالمايمىز، بىرازىلىيە قەھۋەسىدە كۆپ مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا-پولى فېنول بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك ھالدا تېرىنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭدىن سرت يەنە تېرىنىڭ قېرىشىنىڭ، تېرە قۇرغاقلىقىنىڭ، قورۇق چۈشۈشنىڭ، رىئاكسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قالىدۇ
ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىدىن باشقا يەنە بەدەن شەكلىنى ساقلاش رولىمۇ بار، كوففېئىننىڭ رولىنىڭ تەسىرىدە بەدەندىكى مايلارنى كۆيدۈرۈپ تېرىنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىدۇ ھەم بەدەن شەكلىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
چاچلارنى ئەسلىدە كەلتۈرىدۇ
بىرازىيەلىكلەر نېمىشقا قەھۋەدە چاچ يۇيۇشقا ئامراق؟ ئەسلىدە كوففېئىننىڭ چاچ ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چاچنى پارقىراق قىلىش ۋە ئەسلى ھالەتكە قايتۇرۇش قاتارلىق روللىرىمۇ بار ئىكەن.

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :1    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   0   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   1 پارچە

    • avatar ئەلداربەگ باشقۇرغۇچى

      بىر سىناق باھا