يانفون بارماق ئىزىنى تونۇش تېخنىكىسى ھەققىد

  • A+
سەھىپە:پەن-تېخنىكا

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
iPhone 5s تىن باشلاپ يانفونغا بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى قوللىنىپ ، يانفون قۇلپىسىنى ئېچىش ، سالاھىيىتىنى دەلىللەش ، يانفون ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئىشلىرىدا قولايلىق ئېلىپ كەلدى . بارماق ئىزى تۇنۇش تېخنىكىسنىڭ تۈرلىرى ، خىزمەت پىرىنسىپىنى تونۇشتۇرىمىز. نۆۋەتتە بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك .
ئوپتىكىلىق سىكاننېر
ئوپتىكىلىق سىكاننېر ئەڭ بۇرۇنقى بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى. ھېچقانداق يانفونغا بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلمىغان ۋاقىتتا خېلى بۇرۇنلا سودىدا ئىشلىتىدىغان خاتىرە كومپىيۇتېرغا ئوپتىكىلىق سىكاننېر ئاقىلىق بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.
پىرىنسىپى: LED ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئارقىلىق بارماقنى يۇرۇتۇش ئارقىلىق سېنزور بارماق ئىزىنى رەسىمگە ئېلىپ يورۇق، قاراڭغۇ نوقتىلارنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق بارماق ئىزىنى تونۇيدۇ. ئىشلەتكەندە بارماقنى ئۈستۈن-تۆۋەن يۆتكەش كېرەك.
توغىرلىق دەرىجىسى ئادەتتىكىچە. يالغان بارماق، بارماقنىڭ رەسىمىنىمۇ تونۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئويلاشقاندا ئوپتىكىلىق سىكاننېرلىق بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى ياخشى تاللاش ئەمەس. شۇڭىلاشقا تەدرىجىي بازاردىن شاللانماقتا.
ئېلېكتر سىغىملىق (كوندېنساتور)سكاننېر
ئايفونغا ئېلېكتر سىغىملىق سىكاننېر ئارقىلىق بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىلدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەم بولۇپ قالدى.
پىرىنسىپى: گۇرۇپپىلاشقان مىكرو ئېلېكتر سىغىمىلىق توك يولى بارماق ئىزى سانلىق مەلۇماتىنى يىغىدۇ. كوندېنساتور زەرەت ساقلاپ، ئۆتكۈزگۈچ تاختا ئارقىلىق تەۋسىر يايغۇچقا يەتكۈزدۇ، بۇ ئارقىلىق بارماق ئىزىدىكى ئىنىچكە نۇقتىلارغا ئەگىشىپ، بارماق ئىزىنى تونۇيدۇ.
ئېلېكتر سىغىملىق سىكاننېرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى زەرەت بولغاچقا، ئۈزۈلگەن بارماق، يالغان بارماقنى تونۇيالمايدۇ. توغىرلىقى، ئىشلىتىلىشچانلىقى ياخشى.
بۇرۇن چىققان بەزى ئاندرويد يانفونلاردىكى ئېلېكتر سىغىملىق سىكاننېردا بارماق ئىزىنى تونۇتقاندا بارماقنى يوقىرى تۆۋەن سىيرىمىسا بولمايتى. ھازىر بارماقنى تەككۈزسىلا بولىدۇ.
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق سكاننېر
تېخىمۇ ئىلغار بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى بولسا كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق سكاننېردۇر.
پىرىنسىپى: ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق سكاننېرىدا ئىككى دانە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقاتقۇچ ۋە بىر دانە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قوبۇللغۇچ بار بولۇپ، تارقاتقۇچ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئىمپۇلسى تارقىتىپ بارماق ئىزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خاتىرلەيدۇ، ئۇنى قوبۇللىغۇچ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بارماق ئىزىنى تونۇيدۇ.
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئىمپۇلسى يىتەرلىك بولسىلا بارماق ئىزى قىرى ھەتتا تەر تۆشۈكچىلىرىگىچە پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
بۇ تېخنىكىنىڭ يەنە بىر ئىلغار يېرى شۇكى، يانفون يۈزىگە ئېلىكتىر سىغىملىق سىكانېر ئورنىتىش ھاجەتسىز. يانفوننىڭ قىرىغا ياكى ئېكراننىڭ ئاستىغا ئورنىتىپ قويسا بولىدۇ، ئورۇن ئىگىللىمەيدۇ.
ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى
نۆۋەتتىكى يانفون بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسنىڭ ھىسابلاش ئۇسۇلى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۇششاق تەپسىلاتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش. يانفون ياسىغۇچى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى بارماق ئىزى سانلىق مەلۇماتى يانفوندا ساقلىندۇ، تورغا يوللانمايدۇ دەپ ئېلان قىلدى. بۇ بارماق ئىزى سانلىق مەلۇماتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: