ئالىپايدا ئالدىنىپ كەتكەندە پۇلنى قايتۇرۇپ كىلش ئۇسۇلى

  • A+
سەھىپە:دەرىسلىك

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ھازىر تور سودىسىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ تور سودىسىدا ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى. سالۇندا ھەم توپلاردا قويمىچىغا ئۇچرىغاننىڭ گىپى كۆپ . ئالدىنىپ كەتكەن پۇل كۆپ بولسا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا بىرىپ مەلۇم قىلغىلى بولسىمۇ بىر نەچچە يۈز يۈەن ياكى بىرەر ئىككى مىڭغا ئالدىنىپ كەتكەندە ئاچچىقنى يۇتۇپ يۈرمەكتىن باشقا ئامال يوق. ئەمەلىيەتتە توردا سودا قىلغاندا سەگەكرەك بولغاندا بۇ ساقلانغىلى بولمىغۇدەك مەسىلە ئەمەس .
ئۇنداقتا باشقىلارغا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ئالدامچىلىقىنى بىلىپ قالساق ياكى گۇمانلىنىپ قالساق تۆلەپ بولغان پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولامدۇ؟
ئالىپاي تەرەپ يۇقارقىدەك مەسىلىلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالىپايغا پۇل تاپشۇرغاندا قارشى تەرەپ ھىساباتىدا مەسىلە بولسا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە پۇلنىڭ قارشى تەرەپكە بىرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ شۇ جەرياندا قايتۇرۋىلىش ئىقتىدارىنى قوشقان . بەلكىم كۆپىنچىمىز بۇ ئىقتىدارنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، شۇڭا بۇ تېمىدا يۇقارقى مەشغۇلاتنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇرىمىز.
مۇشۇ ئېلان بىلەن تېما ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىمدىن چېكىپ قويۇڭ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ناتونۇش كىشىلەر بىلەن سودا قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن ئىككى سائەت ياكى 24سائەت كېچىكتۈرۈشتىن بىرنى تاللاپ پۇل يۆتكىسەك بولىدۇ .

بانكا كارتىسىغا ياكى ئالىپاي ھىساباتىغا يۆتكەشنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تاللايمىز ، بۇ يەردە ئالىپاي ھىساباتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى مىسال ئېلىندى .

كېچىكتۈرۈشكە ئائىت يۇقارقىدەك 2سائەت ۋە24 سائەتلىك تاللاش تۈرىدىن بىرنى تاللايمىز . پۇلنى يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن مەسىلە بارلىقىنى بايقىساق تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە 我的 دىگەن تۈرگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللاپ ئەرز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇل قارشى تەرەپكە بىرىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كىلىش مەشغۇلاتى قىلساق بولىدۇ .

ئەرز قىلىش كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى تۈردىكى 我被骗了,钱我付的 دىگەن تۈرنى تاللاپ 下一步 نى باسىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ تەپسىلىي ھىسابات ئەھۋالىمىز كۆرۈنىدۇ ، بۇ يەردىن ئەرز قىلماقچى بولغان ھىساباتنى تاللايمىز .بۇ يەردە نۇرغۇن تاللاش تۈرى بار بىزدىن قارشى تەرەپ قانداق ئۇسۇل بىلەن پۇلىمىزنى ئالداپ ئىلىۋالغانلىقىنى سورايدۇ . پۇلنى ئىلىپ مالنى سەپ بەرمىدى ، ئىناۋەتلىك كارتا ئېچىش ، قەرز بىجىرىش ئۇسۇلى ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلىۋالدى دىگەندە تۈرلەر بار . بۇلار پۇل خەقنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان مەشغۇلاتلار بولۇپ بىز ئۇلارنى تاللىماي 套现类 دىگەن تۈرنى تاللاپ كونكىرىت ئالدامچىلىق ئۇسۇلى (具体欺诈方式 )دىگەندىن 信用卡,花呗, 其他 قاتارلىقلاردىن ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىرنى تاللاپ 下一步 ئارقىلىق يوللايمىز.

ئاخىرقى مەشغۇلات ئەمەلىي ئەرز قىلىش جەريانى بولىغاچقا رەسىملىك چىقىرىلمىدى . ئالىپاي تەرەپ ئەرزنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ئەمەلىي ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي دەلىللەپ چىقىپ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن سودىنى بىكار قىلىپ پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ . ئەمما بۇ يۈزدە يۈز شۇنداق بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس ، ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىش كۆرىدۇ . شۇڭا ئەستايدىل بولۇپ قارىسىغا ئەرز قىلىش ياكى يۇقارقى مەشغۇلاتلاردا خاتالىق سادىر بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك . نىمىلا بولمىسۇن پۇلنى كېچىكتۈرۈپ بىرىش ئىقتىدارىدىن پيدىلىنىپ پۇل تۆلىگەندە قايتۇرۇپ كىلىشتىن مەلۇم دەرىجىدە ئۈمۈت بار .شۇڭلاشقا ئالىپاي ئىشلەتكەندە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ پۇل يۆتكەش ۋاقتىدا يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە كېچىكتۈرۈش ۋاقتىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ .

مەنبە : ئىنتىزار سالونى

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: