ئۈندىداردا ئالدىنىپ كەتكەنلەر پۇلىنى قايتۇرۋىلىش ئۇسۇلى

  • A+
سەھىپە:دەرىسلىك

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۈندىداردا قۇيلۇپ كەتكەن كىشلەر ئىنتايىن كۆپ ، بەزى كىشلەر ئۈندىدار سودىگەرلىردىن مەھسۇلات سېتىۋېلىش جەريانىدا ، ئۈندىداردا باشقىلار دىن قەرىز بېجىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغاندا قارشى تەرەپ ئالدى بىلەن ئازراق پۇل تاپشۇرۇشنى ئېيتىدۇ . بىز قارشى تەرەپكە ئىشنىپ نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى قارشى تەرەپكە ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرمىز ، قارشى تەرەپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان سزنى ئۈندىداردىن يۇيۇپ قارا تىزىملىككە تىقىۋىتىدۇ. بۇنداق ئىشقا سز ئۇچۇرغاندا قانداق ئۇسۇلنى قولىنىسز ؟قارشى تەرەپنى سز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ،ئۇنى ئەسلا تۇنىمايسز !تور ساقچىلىرغا ياكى تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى ساقچىلارغا دىلو مەلۇم قىلسىڭىز ئۇلار دىلونى قۇبۇل قىلمايدۇ!چۈنكى ساقچلار بىكارچى ئەمەس ،سز ئالدىنىپ كەتكەن ئىككى ئۈچ يۈز يۈەن پۇلغا ساقچىلار ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەيدۇ! ئالدىنىپ كەتكەن پۇل سومىسى 3000يۈەنگە يەتمىسە ساقچلار دىلو تۇرغۇزمايدۇ ! گەپنىڭ پوس كالىسغا كىلەيلى مەن سىلەرگە ئۈندىداردا قۇيۇلۇپ كەتكەندە قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئالدامچىنىڭ جاجىسنى بېرىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرەي تۆۋەندىكى رەسىملىك چۈشەنچىگە تەپسىلى قاراڭ!

سز ھەرقانداق تورسودىسى قىلىش جەريانىدا ھەرگىز قارشى تەرەپكە 《 قىزىل بولاق 》ئۇسۇلىدا پۇل ئەۋەتىپ بەرمەڭ !چۇقۇم《پۇل يۆتكەش》 ئۇسۇلىنى قولىنىڭ !چۈنكى سز قارشى تەرەپكە 《قىزىل بولاق 》ئارقىلىق پۇل ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ئالدىنىپ كەتكەن پۇلىڭىزنى قايتۇرۋالالمايسز !قارشى تەرەپكە 《پۇل يۆتكەش》 ئۇسۇلىدا پۇل ئەۋەتىپ بەرسىڭىز قارشى تەرەپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا سزننى ئۈندىداردىن يۇيۋەتسە ياكى سزگە جاۋاپ قايتۇرمىسا سزچۇقۇم 24سائەت ئىچىدە تىڭشۈن شىركىتى ئارقىلىق قارىشى تەرەپنى ئالدامچى دەپ ئەرىز قىلسىڭىز بولدۇ !قارشى تەرەپ بىلەن سودا سېتىق توغۇرسىدا پاراڭلاشقاندا چۇقۇم دۆلەت ئورتاق تىل يېزىقنى ئىشلىتشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن !چۈنكى سز تىڭشۈن شىركىتىگە ئەرىز قىلغاندا سۆھبەت خاتىرسىنى تىڭشۈنگە ئەۋەتىپ بىرسز تىڭشۈن شىركىتى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقنى تۇنىمايدۇ ،ئاراڭلاردا قانداق ئەھۋال يۈز بەرگىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالىدۇ ،ئۇ چاغدا سز ئەرىز قىلسىڭىزمۇ بىكار!
قارشى تەرەپنى تىڭشۈن شىركىتىگە ئەرىز قىلغاندا ئەرزىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار غا باغلانغان بانكا كارتىسنى تىڭشۈن شىركىتى توڭلىتىپ قويدۇ،ئۇ چاغدا قارشى تەرەپ ،ئۈندىداردىكى پارچە پۇلارنى ئىشلىتەلمەيدۇ !ئۈندىدار دا پۇل يۆتكەش ياكى پۇل قۇبۇل قىلىش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى قىلالمايدۇ .قارشى تەرەپ ئۈندىدارنى نورمال خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم سز بىلەن ئالاقىلشىپ سزنىڭ كۆچۈرۋىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ،سز تىڭشۈن شىركىتىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىنىپ كەتكەن پۇلىڭىزنى قايتۇرۋالغانلىقىڭىزنى ئېيىتقاندا تىڭشۈن شىركىتى قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارنى نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئەكىلىپ قويدۇ.

ئەرىز قىلىش ئۇسۇلى









مەنبە : ئادىل بازار سالونى

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: