ھەقسىز بىكەت قۇرۇش دەرىسلىكى

  • A+
سەھىپە:دەرىسلىك

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بۈگۈن ئەزىزلەر بىلەن ھەقسىز بىكەت قۇرۇش توغۇرلۇق ئورتاقلىشىپ باقايلى ، كۆپچىلىككە مەلۇمكى بىكەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىسىم ۋە بىر بوشلۇق كىتىدۇ ، ئۇنداقتا بىز ئىسىم بىلەن بوشلۇقنى ئەنگە ئالدۇرمىغان شارائىتتا ( شاڭگاڭ ۋە چەت ئەل بوشلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ ) ئىسىمنى ئىختىيارىڭىز بىلەن تاللاپ 9 يۈئەندىن باشلاپ يۇقىرسىنى ئۈزىڭىز بەلگىلەيسىز ، بوشلۇق بولسا 300 يۈئەندىن يۇقىرسىنى ئۈزىڭىز بەلگىلەيسىز ، دىمەك نورمال بىر ئەنگە ئالدۇرمىغان شارائىتتا ( شاڭگاڭ ۋە چەت ئەل بوشلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ ) بىكەت قۇرۇش ئۈچۈن 350 يۈندىن يۇقىرى ئىقتىسات كىتىدۇ ، ئەلۋەتتە بىكەت قۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزىڭىز قىلالىسىڭىز ...

ئۇنداقتا ھەقسىز بىكەت قۇرغىلى بولامدۇ ؟

بولىدۇ ، مۇشۇ نەچچە كۈندىن بىرى تور ئارلاۋىتىپ بىر ھەقسىز بوشلۇق ۋە ئىسىم بىلەن تەمىنلەيدىغان ئادرىسنى ئۇچرىتىپ قالدىمدە بىر سىناپ بىقىش مەقسىتىدە تىزىملىتىپ كىرىپ كۆرۈپ باقتىم ، دەرۋەقە بىكەت قۇرغىلى بولىدىكەن ، شۇڭا تور بىكەت قۇرۇشنى ئۈگۈنىش ئارزۇسى بار دوستلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر تىمىنى يوللاشنى لايىق تاپتىم . ( ئەلۋەتتە بىكەت ئاتامانلىرىغا يەنىلا مۇقۇم بوشلۇق ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز )

بوشلۇق ھەققىدە

بوشلۇقنىڭ نەنىڭ بوشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم ئەمما php ۋە mysql قوللايدىغان بولۇپ ئامبارنىڭ سىغىمى 10G كىلىدىكەن

ئۇنداقتا بىز بوشلۇق ئىلتىماس قىلىش بىتىگە كىرىپ كەتتۇق :cool:


يۇقارقى بەتكە كىرگەندىن كىيىن ئىسم ( توربىكىتىڭىزنىڭ ئىسمى دىمەكچىدە بۇ يەردە ) ۋە ئىلخەتنى چۇقۇم ئىشلىتىۋاتقان ئۈنۈملىك ئىلخەت ئادرىسى تولدۇرسىز ، قالغىنىنى خالىغانچە ئىلتىماس قىلسىڭىز تامامەن بوتتۇ ماقما :lol:

ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ئىلخەت ئادرىسىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما كودى كىلىدۇ

ئېنىقلىما كودى بېسىپ مۇقۇملاشتۇرغاندىن كىيىن ئىلخەت ساندۇقىمىزغا يەنە بىر ئۇچۇر كىلىدۇ ، بۇ ئۇچۇر بولسا سىزنىڭ بىكەت باشقۇرشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بولۇپ ساقلاپ قويۇڭ

يۇقارقى باسقۇچلارنى تاماملاپ بولدىڭىزمۇ مۇبارەك بولسۇن سىز ھازىر ئىسىم ۋە بوشلۇققا ئىگە بولدىڭىز ...

ساندان قۇرۇش ۋە WordPress قاچىلاش

ئىلخەت ساندۇقىمىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىكەتكە تىزىملىتىپ كىرىمىز ( ئەسكەرتمە : ئەگەر بەت ئۇلانمىسا يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ ۋە كىرىشتە تىل تاللاشنى ئۇنۇنماڭ )

تۆۋەندىكى بەتكە كىرىپ ساندان قۇرىمىز ( خالىغانچە قۇرسىڭىز بولىدۇ )


يۇقارقى باسقۇچلارنى تاماملىغان بولسىڭىز ئەمدى ئاخىرقى باسقۇچ يەنى ftp قۇرالى ئارقىلىق بوشلۇققا WordPress يوللىسىڭىز ۋە قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ

دىققەت : ئادەتتە بىز قاچىلىغاندا ساندان مۇلازىمىتىرغا localhost ئىشلىتىمىز ، لىكىن بىز بۇ ھەقسىز بوشلۇققا localhost ئىشلەتسەك خاتالىق كىلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن مۇلازىمىتىر تەمىنلىگەن ئادرىسنى تولدۇرىمىز .

ئەزىزلەر يېڭى بىكەت قۇرۋالغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

يۇقارقى دەرىسلىكتىن قۇرۇلغان بىكەت

ئەسكەرتىش

مەزكۇر يازما بىكەت قۇرۇشنى ئۈگىنىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ئەلۋەتتە بىكەت قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى بوشلۇقى ئېلىپ ئىجازەت بىجىرگەندىن كىيىن بىكەت ئېچىشىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز ، ھەرگىزمۇ ھەقسىز بوشلۇق دەپ دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپ ئىش قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز ، ئەگەر قانۇنغا رۇئايە قىلمىسىڭىز بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۈزىڭىز ئىگە بولىسىز ...

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: