خۇمسىلار

  • A+
سەھىپە:شېئىرلىرىم

ئاپتورى : مۇتەللىپجان قاۋۇل

ID : MP30998

ھەيران قالدىم يۈرەكنى داغلاپ كەتتى خۇمسىلا
ئۆز ئۆزىنى يولۋاستەك چاغلاپ كەتتى خۇمسىلا
كۈلسە يالغان كۈلكىنى دوس دەپتىمەن تۈلكىنى
شاتلىقىمنى دىلىمدىن قوغلاپ كەتتى خۇمسىلا
چۈشۈپ قالسا ھاجىتى كىتىپ قالسا ئامىتى
بوسۇغامغا باش قويۇپ يىغلاپ كەتتى خۇمسىلا
شىرىك قىلسام بارىمغا كۆز تاشلىدى يارىمغا
قۇلاق سالماي زارىمغا تالاپ كەتتى خۇمسىلا
كىسەي دىدىم نەچچە رەت غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى
غەيۋەت قىلىپ باغرىمنى تىلىپ كەتتى خۇمسىلا
قۇرۇپ كەتسۇن دوس دىگەن يالغان كۈلۈپ خوش دىگەن
دوس دەپ تۇرۇپ شۈنچە تىز تىنىپ كەتتى خۇمسىلا
يالغان سىلاپ بىشىمنى كۆرەلمەيدۇ ئىشىمنى
كۆرسەم دەيدۇ يىشىمنى كۆڭلى قارا خۇمسىلا
دوستۇم دەيدۇ تىلىدا زەھەر قاينار دىلىدا
كۆپ سۆزلىمەي بولدىلائەقلى چالا خۇمسىلا

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: