چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش

تارقۇت ئېلانى

چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش
«چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش» ناملىق فىلىمدە تۆت مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق، ئېلىمىز ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ۋالىبول روھىغا ۋارىسلىق قىلىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە 1980-يىلى چاغان ھارپىسىدىكى مەشىق مۇسابىقىسى بولۇپ، ئېلىمىز ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەينى ۋاقىتتىكى مەملىكەتلىك ئەرلەر ۋالىبول بىرلەشمىسى چېمپىيونى جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ يېڭىلىدۇ. لېكىن شۇ بىر ئەۋلاد ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ جاپالىق مەشقى، بەل قويۇۋەتمەسلىكى تاماشىبىنلارنى قايىل قىلىدۇ. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە 1981-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئوساكا دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، ئېلىمىز كوماندىسى ساھىبخان كوماندا ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىۋالىدۇ ھەمدە ئېلىمىزنىڭ ئۈچ چوڭ توپ تۈرىدىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. داڭلىق رىياسەتچى سۇڭ شىشيۇڭنىڭ مەردانە، جانلىق مۇسابىقە چۈشەندۈرۈشى تاماشىبىنلارنى بىردىنلا قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ دەۋرگە باشلاپ كىرىدۇ. ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بولۇپ، ئېلىمىز كوماندىسى لاڭ پىڭ تېرىنىرلىقىدىكى ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ يېڭىلىدۇ. لاڭ پىڭ ۋە شۇ بىر ئەۋلاد ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەزالىرى باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلەر كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتماي قالمايدۇ. تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقە 2016- يىلىدىكى رېئودى-ژانېرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول تۈرىنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئېلىمىز كوماندىسى ساھىبخان، دۇنيادىكى رەت تەرتىپى 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىۋالىدۇ ھەمدە شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. جۇ تىڭ، شۈ يۈنلى، جاڭ چاڭنىڭ، ۋېي چيۇيۆ، لىن لى، ليۇ شياۋتۇڭ، يەن نى، خۈي روچى، دىڭ شيا، يۆەن شىنيۆ، گۇڭ شياڭيۈ قاتارلىق ئىلگىرى بىزگە تونۇش سىيمالار ئېكراندا قايتا نامايەن بولۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، تاماشىبىنلار بۇنىڭ پەقەت بىر كىنو ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
بۇ تۆت مەيدان مۇسابىقىدە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان رەڭ ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. ئوساكا دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، باشتىن-ئاخىر خۇنۈك ھەم كونا ئاۋاز ئىشلىتىلدى ھەمدە نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش بىلەن رەڭسىز تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش كۆرۈنۈشى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلدى. 2008-يىلى ۋە 2016-يىلىدىكى مۇسابىقىدە، ئۇلاپ تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن كۆرۈنۈش تېخىمۇ يورۇق، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئالمىشىشى تېز، زىچ بولدى. ئاستا كۆرۈنۈش ۋە پورتېرىت كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئۇلاپ تارقىتىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات ۋە كەيپىياتلار نامايەن بولدى. ئەگەر سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، «چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش» ناملىق كىنونى كۆپچىلىككە تونۇش بولغان «ئاخىرقى پەيتتە ميۇنخېندا غەلىبە قىلىش»قا سېلىشتۇرغاندا، مۇسابىقە كۆرۈنۈشى ۋە ھەرىكەت لايىھەسى جەھەتتە يېڭىلمەيدۇ.
چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش
لاڭ پىڭنىڭ رولىنى ئالغان ئىككى «لاڭ پىڭ»
يېرىم يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان تېتىم فىلىمدىكى كۆرۈنۈش كىشىلەرنى «گۇڭ لىنىڭ مۈرە، دۈمبىلىرىمۇ رول ئالالايدىكەن» دېگەن تەسىراتقا كەلتۈردى. لاڭ پىڭنىڭ ئۇزۇن يىل يارىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېگىز- پەس مۈرە ھالىتى يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىك ئالدىدا نامايەن بولدى. لاڭ پىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رولىغا چىققان گۇڭ لىنىڭ بويى خېلىلا پاكار بولغاچقا، بەزىلەر ئۇ دۇچ كەلگەن خىرىستىن ئەنسىرەپ قالدى .
تېرىنېر لاڭ پىڭنىڭ رولىنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، 53 ياشكا كىرگەن گۇڭ لى كۈندە ۋالىبول مەشىقى قىلىپلا قالماي، يەنە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىكى ماھىرلار بىلەن قويۇق ئۇچراشتى. مۇددەتتىن نەچچە ئاي بۇرۇن، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى مەشق بازىسىغا ۋە مۇسابىقە نەق مەيدانىغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەندى. تىرېنېر لاڭ پىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرغاندا، گۇڭ لى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆزەتتى. دەپتىرىگە خاتىرە قالدۇرۇشلىرى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ئەسلىتەتتى. نەتىجىدە، گۇڭ لى يەنىلا تاماشىبىن رازى بولغۇدەك دەرىجىدە رولنى قاملاشتۇردى. گەرچە تەقى-تۇرقى ئانچە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن قىياپىتى مۇسابىقە مەيدانىدىكى لاڭ پىڭنىڭ ئۆزىلا ئىدى. دۈمبە ھالىتى، ئۆتكۈر نەزىرى، باشمالتىقىنى چىقىرىشى شۇ قەدەر ئوخشىغانكى، تاماشىبىنلار ھاڭ-تاڭ قالدى .
گۇڭ لىغا ئوخشىمايدىغىنى، فىلىمدىكى يەنە بىر لاڭ پىڭ، يەنى ماھىر سۈپىتىدىكى لاڭ پىڭنىڭ رولىغا چىققان، لاڭ پىڭنىڭ قىزى بەي لاڭ. ئاپىسى لاڭ پىڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئەزەلدىن رولغا چىقىپ باقمىغان بۇ قىز ئۇنىڭ قەلبىدىكى، شۇنداقلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدنىڭ رولىنى ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، بەي لاڭ بىر ئاي ئىچىدە 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدى، ئويۇن قويۇشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەندى. ئاخىرىدا، بۇ كىنودا رول ئېلىشمۇ ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ ۋارىسلىق بولۇپ قالدى. «ئاپام ئەزەلدىن ياش ۋاقتىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرمىگەنىدى، ‹چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش› ناملىق فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئاپامنىڭ رولىنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ئەمدى چۈشەندىم، ئاپام ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ياش ۋاقتىدا كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىپتۇ، ھەقىقەتەن قالتىسكەن» دېدى لاڭ پىڭنىڭ قىزى بەي لاڭ.

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ