توڭلاپ قالغان ئۈندىدارنى ئېچىش ئۇسۇلى

  • A+
سەھىپە:دەرىسلىك

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
توڭلاپ قالغان ئۈندىدارنى ئاچقاندا باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ . مەسلەن : باشقىلارغا ئۇچۇر يوللاش ، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ، سالونلارنى زىيارەت قىلىش ، قىزىل بولاق ئەۋەتىش ، قىزىل بولاق قوبۇل قىلىش دىگەندەك .
ئۇنداقتا ، دەرسىمىزنى باشلاپ كىتەيلى

بىرىنجى خىل ئۇسۇل

ئالدى بىلەن توڭلاپ قالغان ئۈندىدارنى ئاچىمىز . ناۋادا تۈۋەندىكىدەك ئېچىلغان بولسا ، ئۇنى ئېچىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ دىگەن گەپ .

★ 1 - ئېچىلغان بەتتىن 账号与安全 دىگەننى باسىمىز .

★ 2 - ئېچىلغان بەتتىن 微信安全中心 دىگەننى چىكىمىز .

★ 3 - 冻结账号 دىگەننى باسىمىز .

★ 4 - 开始解冻 دىگەننى چىكىمىز .

★ 5 - ئېچىلغان بەتتىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يەنى ، ئۈندىدار تىزىملاتقاندىكى تىلفۇن نومۇرنى ۋە ئېكراننىڭ ئو تەرىپىدىكى دەلىلەش كودى ( ئىنگىلىزچە ھەرىپ ) نى كىرگۈزۈپ 下一步 نى باسىمىز .

★ 6 - ئېچىلغان بەتتىن 解冻账号 دىگەننى باسىمىز .

★ 7 - باسقاندىن كىيىن ، توڭلاپ قالغان ئۈندىدارىمىز ئەسلىگە كىلىدۇ . 关闭页面 دىگەننى بېسىپ ، باش بەتكە قايتىپ ، ئۈندىدارىمىزنى نورمال ئىشلىتىشكە باشلاپ كەتسەك بولىدۇ .

ئىككىنجى خىل ئۇسۇل

ناۋادا مۇقەددىمە قىسىمىدىكى بەت ئېچىلمىسا ، كومپىيوتېر نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلساقمۇ بولىدۇ . يەنى كومپىيوتېرىمىزنىڭ تور كۆرگۈچىگە تۈۋەندىكى ئادىرىسنى كىرگۈزىمىز ياكى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلىساقمۇ بولىدۇ .

https://weixin110.qq.com/security/readtemplate?t=account_frozen/acct&type=unfrozen

ئاچقاندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ . ئۇنىڭغا ئۈندىدار ئاچقاندىكى تىلفۇن نومۇرنى كىرگۈزىمىز ۋە ئاستىدىكى دەلىلەش كودىنى كىرگۈزۈپ 下一步 دىگەننى باسىمىز .

ناۋادا بۇ نومۇرغا ئاچقان ئۈندىدارىمىز توڭلاپ قالمىغان بولسا ئاستىدىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ.

ناۋادا توڭلاپ قالغان بولسا، يۇقىرىدا يانفۇن نۇسخىسىدا دىيىلگەن تەرتىپكە ئوخشاش، كومپىيوتېرىڭىزدا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. دىمەك، ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىنى قوللانسىڭىز بولىۋىرىدۇ .

ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل

ناۋادا ئۈندىدار ئىلتىماس قىلغان يانفۇن كارتمىز 空号 بولۇپ كەتكەن، مەىپى نومۇرىنىمۇ بىلمەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا، 3-خىل ئۇسۇل مەسلىڭىزنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىۋىتىدۇ.
★ 1 - تېزىملىتىش كۆزنىكىدىكى 登录遇到问题 دىگەن خەتنى باسىمىز .

★ 2 - يانفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۈپ يانفۇن نومۇرىدا ئۇچۇر قوبول قىلالامدۇ يوق دەپ سورايدۇ ، بۇۋاقىتتا 不能 نى تاللايمىز .

ناۋادا ئۇنىمۇ بىلمىسەك، كىينىكى باسقۇچقا ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ. 不记得 دىگەننى بېسىپ، ئەرز ئارقىلىق قايتۇرۋىلىش باسقۇچىغا ئۆتىمىز.
★ 3 -كېيىنكى بەتتە 同意 غا بەلگە قويغاندىن كېيىن 开始申诉 نى باسىمىز .

★ 4 - چىققان نومۇرلاردىن ئاچماقچى بولغان نومۇرنى تاللايمىز . ئەگەر ئۇ قاتاردا بولمىسا 以上不是我找回的微信号, 重新输入 نى بىسىپ قايتا كىرگۈزىمىز . توغرا تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى كاتەكچىگە يېنىمىزدا بار بولغان ئۇچۇر قوبۇل قىلالايدىغان يانفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ئىككىنچى كاتەكچىدىكى ھەرپلىك دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزگەندىن كىيىن 下一步 نى باسىمىز .

★ 5 - كۆرسىتىپ بەرگىنى بويىچە مۇناسىۋەتلىك نومۇرغا ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن 我已发送短信,下一步 نى بىسىپ كېيىنكى دەلىللەش بىتىگە ئۆتىمىز .

★ 6 - بۇ بەتتە بىزدىن ئىسىم، كىملىك ، بانكا كارتىسى ، كارتىغا باغلانغان يانفۇن نومۇرى ( 预留手机号 ) قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلارنى دەلىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ . ھەممىنى تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە توشقۇزۇپ 已填写一下步 نى باسىمىز . ئىسىم يازغاندا ئوتتۇردىكى چېكىتكە (·) بۇ چېكىتنى ئىشلىتىڭ باشقىسى بولسا ئۆتمەيدۇ .

★ 7 - يۇقارقى تەرتىپلەر تەلەپكە ئۇيغۇن تاماملانغاندىن كېيىن يېڭى مەخپىي نومۇر ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرگىلى بولىدۇ .

ئۈندىدارنى مۇقىم بىخەتەر ئىشلىتىمەن دىسىڭىز كارتىنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن يېڭى نومۇرغا باغلىۋېلىڭ ھەم بانكا كارتىسى باغلاپ قويۇڭ ، بانكا كارتىسى باغلىغانغىلا پۇلنى ئوغۇرلايدىغان ئىش يوق . قانداق ئىشلىتىش ئۆزىڭىزگە باغلىق ئىش . ناۋادا ئۈندىدارىڭىزغا نومۇر ئورناتمىغان بولسىڭىز ۋاقتىدا ئىسىڭىزدە قالغۇدەك ئۈندىدار نومۇرى بىكىتىۋېلىڭ . ئۇنداق قىلسىڭىز تىزىملىتىش ھەم گاھى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قولاي بولىدۇ .

ھەرقانداق ئۈندىدارنىڭ بىر قېتىم ئۈندىدار نومۇرى بەلگىلەش پۇرسىتى بولىدۇ. بەلگىلەپ بولغان بولسىڭىز قايتا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: