ئۇيغۇرچە خەتنى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىش

ئەلدەربەگ 58 2
تارقۇت ئېلانى


ئۇيغۇرچە توربەت ياساشتا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە نىمە ؟
بەتكە EOT تونۇتۇش .
ئەسلى بۇ 10 يىل بۇرۇنلا ھەل قىلىنىپ بولغان ئىش ئىدى ، بىراق ھازىر ھەرقايسى تور كۆرگۈلەر ۋە ئۇيغۇرچە فونتلار نەشىرىنىڭ توختىماي يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم تور كۆرگۈلەردە ئۇيغۇرچە توغرىسىدا يېزىلغان نادىر يازمىلار wordpress نىڭ فونتلىرى نورمال كۆرۈنمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە . مەسلەن UKIJ دا IE9 خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ .
ئۇيغۇرچە خەتنى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىش
تۆۋەندە بىز ھەرقايسى توركۆرگۈلەرنىڭ فونت فورماتىغا بولغان قوللاش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى .
ئۇيغۇرچە خەتنى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىش
يۇقارقى جەدىۋەلدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئۇيغۇرچە فونتلارنى ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى توربەتتە ئىشلەتكەن فونتنىڭ ttf, eot, woff,svg فورماتىنىڭ ھەممىسىنى @font-face يەنە بىز ئاتاپ كەلگەن ئې و تى تۇنۇتىش كودىغا قۇشىۋىتىش كېرەك .
تۆۋەندىكىدەك :

@font-face {
	font-family: 'ALKATIP Rukki';
	src: url('fonts/ALKATIP Rukki.eot');
	src: url('fonts/ALKATIP Rukki.eot?#iefix') format('embedded-opentype'),
		url('fonts/ALKATIP Rukki.woff') format('woff'),
		url('fonts/ALKATIP Rukki.ttf') format('truetype');
	font-weight: normal;
	font-style: normal;
}

يۇقارقى بۇ كودنى ئىشلەتكەندە جاھاندىكى ھەرقايسى توركۆرگۈلەردە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرىنىدۇ . UKIJ نىڭ فونتىمۇ IE9 دا نورمال كۆرىنىدۇ . يۇقارقى دەرىسلىك پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر شۇڭا سىزمۇ سىناپ بېقىڭ ، پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن يۇقارقى دەرىسلىكتە سۆزلەنگەن خەت نۇسقىسىنىمۇ تەمىنلەشنى توغرا تاپتىم .
چۈشۈرۈش
بىز قانداق قىلغاندا ھەرقايسى فونتلارنىڭ eot,eot, woff,svg فورماتىغا ئېرىشەلەيمىز ؟
بۇ يەردە بىر مەسىلە تۇغۇلدى ، ھەرقايسى فونتلارنىڭ eot,eot, woff,svg فورماتىغا ئىرىشىش ئەمەلىيەتتە بۇ ئەڭ ئاددى بىرئىش . ئەمما بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن ( بۇنى تور ئارلاش داۋامىدا بايقىغان سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ) بۇنى بىز بىر توربەتكە تاپشۇرساقلا بۇلىدۇ .
بۇ يەرنى چىكىپ كىرىڭ
بۇ بىر ئىنگىلىزچە تور بەت ، بىراق تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن باسقۇچ بويىنچە مەشغۇلات قىلساق ، بىز eot,eot, woff,svg فورماتلىق فونتلارغا 3 مىنۇت ئىچىدە ئېرىشەلەيمىز .
ئۇيغۇرچە خەتنى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىش
1. بۇ يەردىن BASIC نى تاللايمىز ، بۇ ئەڭ مۇھىم . سۈكۈتتىكى ھالەتتە OPTIMAL تاللاقلىق ، بۇ بويىنچە ھاسىل بولغان فونتلار نورمال ئىشلىمەيدۇ .
2. ئىشلەتكۈچىلەر نىزامنامىسى ، توغرا بەلگىسى ئۇرۇڭ .
3. بۇ يەرنى چىكىپ بىز توربەتكە ئىشلەتمەكچى بولغان فونتنىڭ ttf نۇسخىسىنى يۈكلەيمىز .
4. بولدى ، بۇ يەرنى چىكىپ ھاسىل بولغان eot,eot, woff,svg فونتلىرىمىزنى چۈشۈرۋالساق بولىدۇ .
چۈشۈرۈش
دەرىس جەريانىدا ھاسىل بولغان خەت نۇسقىسى ئىشنى قىلىپ بىرخىل نورمالسىزدەك قېنى سىلەرمۇ سىناپ بېقىڭلار ، خەيىر ...

تارقۇت ئېلانى

باھا يوللاش جاۋاپ

  1. نۇرۇم
    نۇرۇم Lv 1

    بەك ياخشى مەزمۇن بوپتۇ ، كۆپ رەھمەت قوللايمەن