ئون جۈملە ھېكمەتلىك سۆز

ئەلدەربەگ 21 0
تارقۇت ئېلانى

1. پاكىزە بىر ئىستاكان سۇغا بىر تېمىم مەينەت سۇ تېمىپ كەتسە ، بىر ئىستاكان سۇنى بۇلغايدۇ . بىر ئىستاكان مەينەت سۇغا بىر تېمىم پاكىزە سۇنىڭ تېمىشى بىلەن ئۇ سۈزۈلۈپ قالمايدۇ .
2. دۇنيادىكى ئۈچ خىل نەرسىنى ھېچكىم تاتىۋالالمايدۇ ، ئاشقازانغا كىرىپ بولغان ئاش ، قەلىبتىكى ئارزۇ ، ئۈگىنىپ بولغان بىلىم .
3. ئات يۇمشاق تۇپىدا ئاسانلا كاردىن چىقىدۇ ، ئادەم شېرىن - شېكەر سۆزلەر ئىچىدە يىقىلىدۇ .
4. دۇنيادا تىراگىدىيە بىلەن كومىدىيەنىڭ پاسىلى بولمايدۇ . تىراگىدىيەدىن قۇتۇلۇپ چىقسىڭىز بۇ دەل كومىدىيە ، كومىدىيەگە مەپتۇن بولۇپ ئۇنىڭدىن چىقالمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى تىراگىدىيەدۇر .
5. كىتاب ئوقۇمىسىڭىز ، بىلىم ئالمىسىڭىز نەچچە مىڭ چاقىرىم يول ماڭسىڭىزمۇ سىز يەنىلا پوچتالىيۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس .
6. قوشنىڭىز كېچە سائەت ئىككىدە پىيانىينو چالسا ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن . سىز سائەت تۆت بىلەن ئۇنى ئويغىتىپ ، « چالغان مۇزىكىڭىزدىن بەكمۇ ھوزۇرلاندىم » دېسىڭىز بولىدۇ .
7. ئەگەر سىز ساقلاپلا تۇرغان بولسىڭىز ، يۈز بېرىدىغان نەتىجە قېرىشتىن باشقىسى بولمايدۇ .
8. ھەقىيقى دوست كۈندە بىللە بولۇپ ، تۈگىمەس پاراڭلارنى قىلىشىدىغانلار ئەمەس ، بەلكى بىر ئېغىز پاراڭلاشمىسىمۇ قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ھېس قىلمايدىغانلاردۇر .
9. ۋاقىت قەلىب جاراھەتلىرىنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دوختۇر بولسىمۇ ، مەسىلە ھەل قىلىدىغان ماھىر بولالمايدۇ .
10. قىلىپ پۇشايمان قىلىشقا رازىمەنكى ، قولدىن بېرىپ قويۇپ پۇشايمان قىلمايمەن .

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ