ماقال تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ يەشمىسى

ئەلدەربەگ 20 0
تارقۇت ئېلانى

ئاتنىڭ نۇقتىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس .
بۇ تەمسىل ئادەم بىلەن ئىشنىڭ ئازراقمۇ ماسلاشمىغانلىقىنى ئاتاق ئابرۇي نامغا چۇشلۇق ئۈنۈم نەتىجىسى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
ئات ئورۇق ، يول تېيىلغاق يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
بۇ نامراتلىقتا ئىش ئوقۇتىنى يوشۇرۇشتۈرەلمىگەن ئادەم ، تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە باش كۆتۈرەلمەيدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
ئات ھارۋاڭ كەتسىمۇ كەتسۇن ، غاڭزاڭنى چالا قاقما .
بۇ تەمسىل ھەرگىز بەدەل تۆلەشتىن يانماي ، ئىرادە باغلىغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ نەتىجە قازىنىش ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە ، پىيادە بىللە ماڭ .
بۇ ئەمەل مەرتىۋىنىڭ دەبدەبسىدە ، ئەلدىن چەتنەپ ياشىماي ئەل بىلەن ھەمنەپەس بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاتا ئاناڭغا دېيەلمىگەن گېپىڭنى مورا بېشىڭغا يېزىپ قوي .
بۇ بىراۋغا يۈزمۇيۈز دېيىشكە ئوڭايسىزلىندىغان مەقسەت مۇددىئانى مەلۇم شەرتلىك بەلگە قالدۇرۇش ياكى ئىما ئىشارەت ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاتا ئانام يانچۇقۇمدا ، ئۇرۇق تۇغقان ساندۇقۇمدا .
بۇ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئاتا ئانىدىن ساندۇقىدىكى مالنى ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئەلا كۆرىدىغان ، ھەممە ئىشتا پۇلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ، ۋاپاسىزلىق ۋە ئاچكۆزلۈك نى بىلدۈرىدۇ .
ئاتا بالىسى بولغۇچە يۇرت بالىسى بول .
بۇ ھەر كىم ئۆز مەنپەئەتنى كۆزلىمەي ، ئەل يۇرت ئۈچۈن كۆيۈنۈپ ياخشى ئىش قىلىدىغان پەزىلەتلىك ئۇلۇغۋار كىشىلەردىن بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاتا بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس.
بۇ ئاتا ئانىلىرىنى قەدىرلىمەي ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماي بويۇنتاۋلىق قىلىپ قاقشىتىدىغان ۋاپاسىز نادانلار ئاتا ئانىنىڭ ياخشىلىقىنى ، ئۇلۇغلۇقىنى ، ئاتا ئانا بولۇشنىڭ تەسلىكىنى ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ ، پەرزەنت كۆرگەندىلا چۈشىنىدۇ ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتما.
بۇ ئاتا خالىمىغان ئىشنى قىلماسلىق . ئاتنى يامان كۆرگەن تاپتىن چىققان ئاداۋەتخور ئادەملەربىلەن باردى كەلدى قىلماسلىق ئۇنداق ئىش ھەرىكەت ۋە ئادەملەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ