قان تىپلىرى ھەققىدە

  • A+
سەھىپە:تەرمىلەر

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئەڭ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىلەر بولسا
1. O تىپ : ئالدىراقسان ، ئازراق كىچىك ئىشلارمۇ ئۇنى غەزەپلەندۈرىدۇ ، مىجەزىدە ئۇرۇشقاق بىر تەرىپى بار ، « مەن ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالاي » دىگەننى سەۋەپ قىلىپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ .
2. B تىپ : قارىماققا مىجەزى ناھايىتى ياخشىدەك ، ئەمەلىيەتتە مىجەزى بەك تۈز ، ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا ئادەتتىكى ئەقلى دەرھاللا يوقاپ كىتىدۇ ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ نېمىگە ئاچچىقلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ .
3. AB تىپ : سوغۇققانلىق بىلەن تونۇلغان AB تىپلىق كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئاچچىقلانمايدۇ ، بىراق بەزىدە ئاچچىقى كەلسە ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كىتىدۇ ، ئۇلار كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى بىلگەنلىكتىن ئادەتتە ئاچچىقى ناھايىتى تېزلا بىسىلىدۇ .
4. A تىپ : سەۋىر قىلىشقا ماھىر A تىپلىق كىشىلەر ، كۆپ ھاللاردا پەقەت چىدىيالمىغان ۋاقىتتا ئاندىن بىراقلا غەزەپلىنىدۇ . شۇڭا بىر ئاچچىقلىنىپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
گەپ-سۆزى ۋە چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى ئەڭ بىلمەيدىغان كىشىلەر
1. B تىپ: B تىپلىق كىشىلەر ئەركىن ياشايدۇ، ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ، ئەتراپىنىڭ قانداق بولۇشى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دىمەكچى بولغان گىپىنى دەۋىرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ھىسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ.
2. O تىپ: O تىپ زىھنىنى ئۆزى قىزىققان ئىشلارغا قاراتقان ۋاقىتتا، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
3. A تىپ: A تىپلىق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ تەنقىدىگە ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار جىنىنىڭ بارىچە ئەتراپتىكى ئەھۋالنى ئىنىق كۆزىتىپ خاتالىق چىقىپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.
4. AB تىپ: تەپەككۇزى ئۆتكۈر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەھلىل قىلىش ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بار، تېز سۈرئەتتە ئەتراپتىكى ئەھۋالنى چۈشىنىپ بولىدۇ ھەم شۇنىڭغا قارىتا لايىقىدا تاقابىل تۇرىدۇ.
يۈرەكلىك ھالدا ئۆز پىكرىنى دىيەلەيدىغان كىشىلەر
1. O تىپ: ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر بولغاندا، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن جىمجىتلىقنى ساقلىمايدۇ، مەيلى قانچىلىك مەنىسىز تەكلىپ بولۇشىدىن، مەيلى قارشى تەرەپنىڭ ئورنى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گىپىنى ئوچۇق ئىيتىدۇ.
2. B تىپ: ئۇلار باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشىغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئادەمگە نىسپەتەن ئۇلار ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ، بىراق B تىپلىق كىشىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىشقا ماھىر ئەمەس.
3. AB تىپ: كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىناقلىققا ئەڭ ئېتىبار بىرىدۇ، ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ھەمىشە « ئەگەر مەن گەپ قىلسام بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە قانداق تەسىر ئىلىپ كىلىمەن» دىگەننى ئويلىشىدۇ.
4. A تىپ: A تىپلىق كىشىلەر ئېھتىياتچان، ئىش قىلغاندا كۆپ ئويلىنىدۇ، نۇرغۇن پىكىرلىرى بولغان تەغدىردىمۇ، ئوڭۇشلۇق ئىپادىلەشكە ئامالسىز، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ قارشى تۇرىشىدىن قورقىدۇ.
پۇل ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر
1. A تىپ: A تىپلىق كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ئەگەر پۇل بولمىسا ناھايىتى خاتىرجەمسىزلىك ھىس قىلىدۇ، ھىچ بولمىغاندا ناھايىتى ئاز بولغان پۇلنى ساقلاشمۇ بىر خىل كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىش.
2. O تىپ: پۇل يىغىدىغان بۇ ئىشقا نىسپەتەن بەك چوڭ قىزىقىشى يوق، ھەم ناھايىتى ئاكتىپمۇ ئەمەس، بىراق ئەگەر ئۇلارنىڭ سېتىۋىلىشنى خالايدىغان نەرسىلىرى بولسا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولسا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇل يىغىدۇ.
3. AB تىپ: گەرچە ئۇلار پۇل يىغىشنى ناھايىتى ئويلىسىمۇ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل خەجلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئىللىتى بار، پۇل يىغىشى ناھايىتى تەس.
4. B تىپ: ئۇلار پۇل يىغمىغان ھاياتنىڭمۇ كۆپ توسالغۇسى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنىنىڭ بارىچە پۇل يىغىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
ئاسان قالايمىقان پۇل خەجلەيدىغان كىشىلەر
1. B تىپ: B تىپلىق كىشىلەر بولسا ئۆلچەملىك ئىسراپ مۇتەخەسىسلىرى، كەلگۈسىنى ئويلىمايدۇ، پەقەت «ھازىر لازىم بولغىنى» دىگەننىلا ئويلايدۇ، دائىملىق ھاياجانلىنىپ مال سېتىۋىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. O تىپ: رەھبەرلىك تالانتى بار، مىھمان قىلىش قېتىم سانى زىيادە كۆپ، ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ھىسابات قىلغاندا ھەرقانچە كۆپ پۇل بولسىمۇ خەجلىشىگە يەتمەيدۇ.
3. AB تىپ: AB تىپلىق كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمغا قارشىلىق كۆرستىشى تەس، ئىشتىھاغا نىسپەتەن سىلىشتۇرغاندا نەپسىنى قاندۇرۇشنى تىخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا مال سېتىۋىلىشقا ناھايىتى ئامراق.
4. A تىپ: ئېغىر-بېسىق، تىجەيدىغان مىجەزى بار، ئاساسىي جەھەتتىن قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدۇ، ئەگەر مەلۇم كۈنى ھاياجانلىنىپ سېتىۋىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان نەرسىنى سېتىۋىلىپ قالسا، خەجلىگەن پۇلى ئاز بولسىمۇ ئۇلار ناھايىتىپ پۇشايمان قىلىدۇ.
داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر
1. AB تىپ: سىرتقى قىياپەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئەگەر مەبلەغ جەھەتتە يار بەرسە ئۇلار ھەتتا بىشىدىن ئايىقىغىچە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئورىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
2. A تىپ: داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەردىن بىزار بولمايدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ھالىتىنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، خامچوتتىن ئىشىپ كەتكەن بۇيۇملارنى ھەرگىز سېتىۋالمايدۇ.
3. O تىپ: O تىپلىق كىشىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، شۇڭا مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن قىممەت داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ، بىراق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ماركىدىكىنىلا سېتىۋالىدۇ، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈرمەيدۇ.
4. B تىپ: B تىپلىق كىشىلەر داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس، پەقەت شۇ بەك بېرىلىپ كىتىدىغان ئالامەتلەر يوق، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىش-كىيمەسلىكتە پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە قارايدۇ، ئۆزىگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسىدۇر.

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: