ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ، ئويلاپ سۆزلە

  • A+
سەھىپە:ئەدەبىيات
ئويلىشىپ سۆزلەڭ

ئويلىشىپ سۆزلەش دېگىنىمىز گەپ قىلغاندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، مۇھىم گەپلەرنى ئويلىشىۋېلىپ ئاندىن قىلىشنى ، باشقىلارغا ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقنى ، قۇربىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلالايمەن ، دەپ پو ئاتماسلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ . بىر ئادەمنىڭ گەپ - سۆزى ئۇنىڭ قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ .


گەپ - سۆزلىرىمىز ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك ، ئاغزىمىزدىن چىققان گەپكە چوقۇم ئەمەل قىلىشىمىز ، ئەمەل قىلالمىساق بۇنداق گەپنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان گەپ-سۆزلەر خالىغانچە قىلىنغان قۇرۇق پاراڭ بولۇپ قالسا، ئۇنداق ئېنىقلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيمىز. ئادەم چوقۇم كۈچىنىڭ يېتىشىچە، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ، تىلى ۋە دىلىنى بىردەك قىلىشى لازىم. ئۆز ئاغزىنى باشقۇرالىغان ئادەم ئەقىللىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
سىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىڭىز سىزنىڭ قانچىلىك تەربىيە كۆرۈشىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ. قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئادەمنىڭ خاسلىقى بولمايدۇ، ئىچكى دۇنياسى قانچە باي بولغان ئادەم، شۇنچە ئېغىر بېسىق كېلىدۇ. بۇ شۇ كىشىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
گەپ-سۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ھە دېسلا ئۆزىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختايدىغانلاردىن ئەمەس، شۇنداقلا ھەم باشقىلارنى زىيادە ئەيىبلەيدىغان كىشىلەردىنمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر ئابرۇيپەرەس ۋە قۇرۇق گەپ ساتىدىغان كىشىلەردۇر.
تۇرمۇشتا قىسىمەن كىشىلەرنىڭ داۋاملىق بىر ئىشلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇمىز، ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ قانداقتۇر ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقى، تەقدىرنىڭ ئادىل ئەمەسلىكى دېگەندەك ئىشلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ. بىراق شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ خىل پاسسىپ كەيپىياتتىكى كىشىلەر باشقىلار ئۈچۈنمۇ يۈك ھېسابلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئوربىتىسى بولىدۇ، ھەر خىل دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بىراق بۇنى ھەر ۋاقىت باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى. گەرچە سىز بۇ دىشۋارچىلىقلارنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشنى خالىشىڭىز مۇمكىن، بىراق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا سۈكۈت قىلىشمۇ ئۆز ئۆزىنى چۈشىنىش ۋە بېسىۋېلىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. سۈكۈت قىلىش قىسمەن چاغلاردا ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالىدۇ.
سىز مەيلى قانچىلىك ئاقكۆڭۈل بولۇڭ، مەيلى ھەممە ئىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىڭ ئەمما ھامان سىزدىن گۇمان قىلىدىغان ئادەملەر چىقىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماڭ. كۆكسى قارنىڭىزنى كەڭ تۇتسىڭىز ئۇنىڭغا ئالەم سىغىدۇ. كۆكسى قارنى كەڭ ئادەم ئاسانلىقچە بىر ئىشلاردىن ئاغرىنىپ يۈرمەيدۇ.
كونىلاردا «ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى» دېگەن گەپ بار. نامۇۋاپىق گەپ-سۆزلىرىڭىز ۋە كۆز قاراشلىرىڭىز بەزىدە خۇددى كۆرۈنمەس تىغدەك باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى «تىلىۋېتىشى» مۇمكىن.
ناۋادا ھەر بىر ئادەم ئاقكۆڭۈل ۋە مېھرىبان بولسىدى، ئۇنداقتا بىزنىڭ ھاياتىمىز چوقۇم خۇشاللىققا تولغان، باھار كەبى گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن بولار ئىدى.
باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ ماختاشنى بىلگەن كىشىلەرگە يېقىنلاشقاندا، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولىدۇ.توغرا گەپ-سۆز خۇددى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش كۆڭلىمىزنى يورۇتۇپ، باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ.
قىسمەن چاغلاردا سىزنىڭ بىر ئېغىز رىغبەتلىك سۆزىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشى مۇمكىن؛ سىزنىڭ بىر ئېغىز خەيرىلىك سۆزىڭىز قارشى تەرەپنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئۆزىمىز ئۈچۈن خەيرىلىك ئىش قىلغانلىقتۇر، بۇ ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزگىمۇ خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.
ئادەم چوقۇم زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ ياشىسۇن، دېگەن گەپ يوق، بىراق چوقۇم باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ياشىشى كېرەك.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن كاللىڭىزنى قاتۇرماڭ، ئەرزىمەس ئىشلارغا كىرىشىۋالماڭ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ گەپ-سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىڭ. ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، ئازادە ياشاڭ، باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ئۆزىڭىزگە خۇشاللىق تېپىڭ.

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: