تەندىكى سەككىز خىل كېسەللىكنىڭ بېشارىتى

  • A+
سەھىپە:تەرمىلەر

1 . تۆۋەن قىزىتما، باش قېيىش ، ئىششىش ، يۇقۇملىنىش ، تارقىلىشچان زۇكام ، جىگەر ياللۇغى ، تاق يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپىيىش كېسەللىكى بولغانلىقىنىڭ بېشارىتى.
2 . قاتتىق ئۇسساش دىيابېت كېسەللىكى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى .
3 . باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىش ، يۈرەك سېلىش تېزلىشىش ، روھى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىقلار قان شېكىرى تۆۋەنلىك كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى .
4. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ، يۈز، قول ، پۇت ئىششىش ، تېرە قورغاقلىشىش ، سوغۇققا چىدامسىز بولۇش ، مۇسكۇللار سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىقلار قالقانسىمان بەز خىزمىتى سۇسلىشىش كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى .
5. بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش ، ئوڭاي ھاياجانلىنىش ، يۈرەك سېلىش تېزلىشىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، كۆپ تەرلەش ، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى ھالسىزلىنىش قاتارلىقلار قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى .
6. قاتتىق خورەك تارتىش ، چۈش كۆرگەندە نەپەس قىيىنلىشىش ، ئويغانغاندىن كېيىن مەيدە سىقىلىش نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى .
7. يۈرەك سېلىش ، كۆكرەك ئاغرىش ، نەپەس قىسىلىش ، چۈشىنىپ بولمايدىغان ساراسىمىگە چۈشۈش يۈرەكتە مەسىلە بارلىقىنىڭ بېشارىتى .
8. سەۋەپسىز يىغلاپ كېتىش ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىش بەدەندىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن پەيدا بولغان دەرتمەنلىكنىڭ بېشارىتى .

weinxin
ئۈندىدار سالونى
ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ بىزگە ئەگىشىڭ
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: