سۈيەر بولساڭ ئەگەر بىر سىنى

  • A+
سەھىپە:شېئىرلىرىم

سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىر سىنى ،

قەدىرلەپ ھەم قەدىرلىنىپ سۆي .

چىن ئەقىدە مەسئۇلىيەت بىلەن ،

ئەزىزلەپ ھەم ئەزىزلىنىپ سۆي .


  سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىر سىنى ،

ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈڭگىچە سۆي .

بارلىقىڭنى بېغىشلاپ چۇقۇم ،

نەپەس ئۈزگەن كۈنۈڭگىچە سۆي .


سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىر سىنى ،

سۆيگۈ ئۇرقىنى بىخلاتقۇچە سۆي .

دوستلىرىڭنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ ،

دۈشمىنىڭنى يىغلاتقۇچە سۆي .


سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىر سىنى ،

ئۆز - ئۆزەڭنى ئۇنۇتقىچە سۆي .

ساداقىتىڭ - غورۇرۇڭ بىلەن ،

سۆيگۈ ئۇرقىنى بىخلاتقۇچە سۆي .


ئۇبۇل ئوغلى قەلەمىي

  • 我的微信
  • 这是我的微信扫一扫
  • weinxin
  • 我的微信公众号
  • 我的微信公众号扫一扫
  • weinxin
ئەلداربەگ

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: