WordPress دە بارلىق ئۇلانمىلارنى يېڭى كۆزنەكتە ئېچىشنىڭ ئىككى تەدبىرى

ئەلدەربەگ 154 0
- o +
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! ئالدىنقى كۈنلەردە چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئاپتورى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىدە يوللىغان ئوخشاش تېمىسىدىكى يازمىسىدىن كېيىن ، كەمىنە ئۆزىمىزدىكى بىر قىسىم بلوگلارغا قوللىنىپ كەلگەن ئىككى تەدبىرنى بلوگگېرلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ بېقىشقا تىرىشتىم . ئىشىنىمەنكى ، بۇ ئىككى تەدبىر ئارقىلىق بلوگىڭىزنىڭ piv سىنى ئاشۇرۇشقا قادىر بولالايسىز .
ئەمىسە ، دەرسخانىغا مەرھەممەت !
1- تەدبىر : مۇشەققەتلىك ئەمما تەۋسىيە تەدبىر
ئۇسلۇبنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى جۈملىدىن ئىدېكىس ھۆججىتى ، ئارخىب ھۆججىتى ، يەككە يازما ، ئىزدەش بېتى ، بەت قاتارلىق ھۆججەتلەردىن تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ .

<a href?<”=php the_permalink?<>”>? )(php the_title/<>? ;)(a>

ئاندىن بۇ كودنى تۆۋەندىكى كودقا بىر - بىرىلەپ ئالماشتۇرۇڭ :

 <a href?<”=php the_permalink ”>? )(target=”_blank?<>”php the_title/<>? ;)(a>

ئىزاھات : ئالماشتۇرۇلغان كودقا دىققەت قىلسىڭىز يېڭىدىن ”target=”_blank دىگەن كودنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بايقايسىز ، ھالبۇكى بۇ كود html ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇچرىغان يېڭى كۆزنەكتە ئېچىش بۇيرۇقىنى كۆرسىتىدۇ .
شۇنداق قىلىپ بىرىنچى تەدبىر تۈگىدى ، بۇ تەدبىرنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى ھەر بىر ئۇلىنىش ئايرىم-ئايرىم يېڭى كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ ، كەمچىلىكى ئۆزگەرتىدىغان ھۆججەتلەر سەل كۆپرەك ، ئەمما piv سىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى ھەممىدىن ياخشى .
2- تەدبىر : قولاي ۋە قولاي تەدبىر
بەت بېشى ھۆججىتى header.php نى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ھۆججەتتىكى < head > خەتكۈچىنى كەينىگىلا قويۇڭ .

<base target="blank">

ئىزاھات : بۇ تەدبىرنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى بىر قەدەر قولاي ، ئەمما كەمچىلىكى شۇ يەردىكى بىر بەتتىن پەقەت بىر تاللا يېڭى كۆزنەك ئاچالايسىز ، ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنلىرى ئالدىدا ئېچىلغان كۆزنەكنى يېڭىلاپ باشلىنىپ كېتىدۇ .

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ