ۋوردپرەس مۇقىم ئۇلانمىسىنى html . شەكىلىگە توغۇرلاش

ئەلدەربەگ 145 0
- o +
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! ھەممىمىزگە ئايانكى ۋوردپرەستە يازما يوللىغاندا يازمىنىڭ ئۇلانمىسى xxx.com/?p=123 گە ئوخشاش بۇلىدۇ ، لىكىن بىلەمسىزكىن بۇ خىلدىكى ئۇلانما كۆرۈمسىزلا بۇلۇپ قالماي يەنە ئىزدەش ماتۇرلىرىغىمۇ ناھايتى يات كىلىپ ، ئىزدەش ماتۇرلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇلانمىدىكى يازمىلارنى ئىزدەش ۋە قۇبۇل قىلىش سۈرئىتى بىراز ئاستا بۇلىدۇ . بىراق ئىشىنىمەنكى ۋوردپرەس بولسا بىر كۈچلۈك مۇكەممەل سېستىما ، ئۇ بىزگە بۇرۇنلا نۇرغۇن تاللاشنى بەرگەن ، بىز ۋوردپرەس ئارقا بېتىگە كىرىپ “ ئۇلانما مۇقىم ” دىگەن تەڭشەكتىن ئۆزىمىز خالىغان بىر ئۇلانما شەكىلىنى تاللاپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ .
ۋوردپرەس مۇقىم ئۇلانمىسىنى html . شەكىلىگە توغۇرلاش
ۋوردپرەس بۇنى بىزگە بەرگەندىكىن بىز بۇنىڭدىن تۇلۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەكتە ، ئەمىسە بىز قانداق قىلىپ ئېچىلىش سۈرئىتى ئەڭ تىز ، كۆركەم ، ئىزدەش ماتۇرلىرى ئەڭ ئامراق كەلگەن xxx.com/123.html شەكىلىدىكى ئۇلانمىنى قانداق ياساپ چىقىمىز ؟ ئەگەر قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مىكرو دەرسلىكتە بولسۇن
1. ۋوردپرەس باشقۇرۇش بىتىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى " تەڭشەكلەر " نىڭ ئىچىدىن " مۇقىم ئۇلانما " دىگەننى تاللايمىز .
2. " ئاساسىي تەڭشەكلەر " نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى " ئۆزى بەلگىلىگەن شەكىلدە " دىگەنىنى تاللايمىز .
3. يان تەرەپتىكى كىرگۈزگۈچ رامكىسىغا تۆۋەندىكى كودنى كىرگۈزۈپ ، ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلايمىز ، رەسىمدىكىدەك .
ۋوردپرەس مۇقىم ئۇلانمىسىنى html . شەكىلىگە توغۇرلاش
4. قۇشۇمچە : يۇقارقى بۇ ئۇسۇل linux مۇھىتىدا ئىشقا ئاشىدۇ ، ناۋادا سىزنىڭ بوشلىقىڭىز windows بولسا ئاۋال توۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ .
(1) تېكىست ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى ئىچىگە يازىمىز.

[ISAPI_Rewrite] 
# 3600 = 1 hour 
CacheClockRate 3600 
RepeatLimit 32 
# Protect httpd.ini and httpd.parse.errors files 
# from accessing through HTTP 
# Rules to ensure that normal content gets through 
RewriteRule /sitemap.xml /sitemap.xml [L] 
RewriteRule /favicon.ico /favicon.ico [L] 
# For file-based wordpress content (i.e. theme), admin, etc. 
RewriteRule /wp-(.*) /wp-$1 [L] 
# For normal wordpress content, via index.php 
RewriteRule ^/$ /index.php [L] 
RewriteRule /(.*) /index.php/$1 [L]

(2) ھۆججەت نامىنى httpd.ini گە ئۆزگەرتىمىز ، دىققەت .txt نى .ini غا ئۆزگەرتىمىز ، بۇ ھۆججەتنى بوشلۇقنىڭ ۋوردپرەس قاچىلانغان يىرىگە يۇكلەپ قويىمىز .
(3) بولدى ، ئەمدى بىخارامان يازمىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىنچە مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ . windows بوشلىقىنىڭ ۋوردپرەسكە بولغان قوللىشى تازا ياخشى ئەمەس . ۋوردپرەس ئوينايدىغانلارنىڭ ئامال بار linux بوشلۇقى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

تارقۇت ئېلانى

باھا يوللاش جاۋاپ