ۋوردپرەسنىڭ سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى

ئەلدەربەگ 154 0
- o +
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! ئىشىنىمەنكى ھەرقانداق بىر تورداش ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا توربەتلەرگە ئانچە ئامراق ئەمەس . شۇڭا بىز توربىكەت قۇرغۇچىلىرىمۇ ئۆز تور بېكىتىمىزنىڭ ئامال بار تېز ئېچىلىشى ئۈچۈن كۈچەيمىز . بىراق ھېس قىلدىڭىزمىكىن ، بىز ئىشلىتىۋاتقان ۋوردپرەس سېستىمىسى نەشىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى ، قاچىلىغان قىستۇرمىمىزنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆزىمىز قوشقان بىر قىسىم ئىقتىدارلار تۈپەيلىدىن سۈرئىتى بارغانسىرى ئاستىلاپ كىتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ۋوردپرەس ئىشلەتكەندە سۈرئىتى تېز بوشلۇقلارنى ئىشلىتىشىمىز ۋە قىستۇرمىلارنى ئامال بار ئاز ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك
بىر قانچە خىل ۋوردپرەس سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز كېرەك .
1. ۋوردپرەسنىڭ GZIP ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىش
GZIP بولسا linux سېستىمىسىدىكى پرىسلاش بۇيرىقى. ھازىر بۇ ئىنتېرنېتتا توربىكەت ھۆججەتلىرىنى پرىسلاپ،توربىكەتنىڭ تېخىمۇ تىز ئېچىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىۋاتىدۇ . بىز ئىشلىتىۋاتقان ۋوردپرەس سېستىمىسىمۇ GZIP قوللايدۇ .
* ئېچىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك :
يېڭى تېكىست ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ ئىسمىنى php.ini دەپ ئۆزگەرتىۋېلىپ ، ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز ، يېزىپ بۇلۇپ بوشلۇقنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە يەنى ۋوردپرەس قاچىلانغان يەرگە يۈكلىۋاتساقلا GZIP ئېچىلىدۇ .

output_buffering = Off 
output_handler = 
zlib.output_compression = On

2. ۋوردپرەسنىڭ Expires Headers ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىش
Expires Headers ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن ، بلوگىمىزنى زىيارەت قىلغاندا ، بلوگتىكى رەسىملەر، css ھۆججەتلىرى ، js ھۆججەتلىرى ، توركۆرگۈدە ساقلىنىپ قالىدۇ دە ، بەت يۆتكىگەندە ياكى بلوگنى قايتا ئاچقاندا توركۆرگۈ بۇ ھۆججەتلەرنى مۇلازىمىتىردىن ئۇقىماستىن بەلكى يەرلىكتىن بىۋاستە ئۇقۇپ ئالىدۇ . بۇنداق بولغاندا بلوگنىڭ سۈرئىتى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تىزلىشىدۇ .
* ئېچىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك :
بوشلۇقنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى htaccess. ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يېزىپ قويساقلا بۇلىدۇ .

# Expire images header
ExpiresActive On
ExpiresDefault A0
ExpiresByType image/gif A2592000
ExpiresByType image/png A2592000
ExpiresByType image/jpg A2592000
ExpiresByType image/jpeg A2592000
ExpiresByType image/ico A2592000
ExpiresByType text/css A2592000
ExpiresByType text/javascript A2592000

3. ۋوردپرەس Object Cache ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىش
بۇ بولسا ۋوردپرەسنىڭ سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈشتە ئەڭ كۆرىنەرلىك رول ئوينايدىغان ئىقتىدار . ھەتتا سىز بۇ ئىقتىدارنى ئاچقاندىن WP SUPER CACHE ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىداردىكى قىستۇرمىلارنى خاتىرجەم ھالدا ئۆچۈرۋەتسىڭىز بۇلىدۇ. بۇنى ئاچقاندىن كېيىن ۋوردپرەس سانداندىكى ئۇچۇرلارنى يەرلىكتە ساقلىۋېلىپ، ساندانغا بولغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ . ئاڭلىنىشچە بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق سانداننىڭ ئوقىلىش سۈرئىتىنى 50 پىرسەنت تىزلىتەلەيدىكەن .
* ئىقتىدارنى ئېچىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك :
1. ئاۋال ئىشلىتىۋاتقان بوشلىقىڭىزغا Memcached كېڭەيتىلمىسى قاچىلانغان قاچىلانمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك . ئادەتتە كەسىپى بوشلۇقلاردا بۇ كېڭەييىلمە قاچىلانغان بۇلىدۇ . ناۋادا قاچىلانمىغان بولسا ، بۇ ئۈنۈمنى ئىشلىتەلمەيسىز .
2. ۋوردپرەسنىڭ wp-config.php ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ تۆۋەندىكى كودنى يېزىپ قويىمىز .

define('ENABLE_CACHE', true);

3. ۋوردپرەسنىڭ wp-content فولدىرى ئىچىگە بىر يېڭى فولدىر قۇرۇپ ئىسمىنى cache دەپ ئۆزگەرتىمىز ھەمدە ھوقۇق دائىرىسىنى 777 ئۆزگەرتىمىز .
يۇقارقى ئۈچ ئىقتىدارنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن قوقماي تۇرۇپ بىلوگىم 50% تىزلەشتى دىسىڭىز بولىدۇ .

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ