Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچى

ئەلدەربەگ 170 0
- o +
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تورداشلارغا مەلۇمكى توربەت يېزىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىدا بىز چۇقۇم بىر تەھرىرلىگۈچكە ئىھتىياجلىق بولىمىز ، ئەلۋەتتە دوسلار كەڭ ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان تەھرىرلىگۈچلەردىن Dreamweawer ، Notepad++ ۋە Sublime Text قاتارلىقلار ، بۇيەردە دىيىلمىگەن يەنە نۇرغۇن تەھرىرلىگۈچلەر بار . بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان داڭلىق تەھرىرلىگۈچ Visual Studio Code توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىشىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر ئىشلىتىشنى لايىق تېپىپ قالساڭلار پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچىنى دۆلەت تىلىغا توغۇرلاش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىمىز .

Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ ھەققىدە

Visual Studio Code بولسا OSX ، Windows ۋە Linux نىڭ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ، ھازىرقى زامان Web ۋە بۇلۇت قوللىنىش سۇپىسىدىن ھالقىغان تەھرىرلىگۈچكە قارىتىلغان . Visual Studio Code ئاچقۇچىلارنى كۆپ خىل پروگرامما تۈزۈش تىلى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تىللارنى مول كود تولۇقلاش ۋە يول باشلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ . JavaScept TypeScept , Nodejs ۋە ASP . NET5 ئاچقۇچىلارمۇ ئارتۇقچە قورال توپلىمىغا ئېرىشىدۇ . بۇ تەھرىرلىگۈچتە ھازىرقى زامان تەھرىرلىگۈچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر توپلاشتۇرۇلغان ، ( syntax hight lighting ) گرامماتىكىسى يۇقىرى ( customizable keyboard bindings ) تىرناق ماسلاشتۇرۇش ( bracket matching ) ۋە كود بۆلىكى يىغىش ( snippets ) يەنە Git نىڭ ساندۇقنى ئېچىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ چۈشۈرۈش

Visual Studio Code ئورتاق تىل قىستۇرمىسىنى قاچىلاش

كومپيۇتېرغا كىرگەندىن كېيىن Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچنى ئېچىپ قارايدىغان بولساق كۆڭۈلدىكى كۆرسىتىش بولسا ئىنگلىزچە تىلدا بولغان بولىدۇ ، بىز تېز كۇنۇپكا Ctrl + Shift + P مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار تىزىملىك ئېچىلغان بولىدۇ .
بۇۋاقىتتا بىز كۆرۈنگەن تۈرلەردىن Configure Display Language دىگەننى تاللايمىز .
Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچى بۇ ۋاقىتتا ئىككى دانە en ۋە Install additional languages تۈر تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ .
Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچى ئالاقىدار تىل قىستۇرما بۇلاقلىرى كۆرۈنىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىن بىز ئورتاق تىل ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت شەكلى Chinese (Simplified) Language Pack for Visual Studio Code تاللاپ Install نى چېكىڭ .
Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچىVisual Studio Code تەھرىرلىگۈچى ئارقىدىنلا Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ ئاپتۇماتتىك ئورتاق تىل ئاددىي تىل بوغچىسى ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

تارقۇت ئېلانى

باھا يوللاش جاۋاپ