ئىككى يىللىق ۋەزىپە !

ئەلدەربەگ 213 2
- o +
تارقۇت ئېلانى

ئىككى يىللىق ۋەزىپە !مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! بۈگۈن بىز ئۆكەن كۈنلەر ( ئەسلىمىلەر ) توغرىسىدا تۆت ئېغىزدىن پارڭ قىلىشايلى ، ئەلۋەتتە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھىكايىسى بولىدۇ ، مىنىڭ ھىكايەم ئىككى يىللىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن باشلانغان ، گازارما خۇددى قورغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتىغا چىققۇسى ، سىرىتتىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈسى كىلىدۇ .

★ ئىككى يىللىق ۋەزىپە !

ئون يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئەينى يىللاردىكى نادانلىق ، نادانلىقتىن ھازىرقى پىشىپ يېتىلىشكە قەدەر ئاشۇ چاغدىكى ئىككى يىل ھالقىلىق رول ئوينىغان بولۇپ ئاشۇ ئىككى يىلدا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم ، نۇرغۇن ئۆزگەردىم ۋە ئاخىرىدا پىششىپ يىتىلىشىمگە ئاساس تىكلىگەن بولدۇم .

★ ئىككى يىللىق ۋەزىپە !

يېڭى گازارما بارلىق ھەربىيلەرنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، شۇنداقلا ئەڭ ئازابلىق بىر قەدەم بولۇپ ھەر كۈنى قاتتىق مەشىق قىلىمىز ، ℃ 40 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھاتتا قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىسىق - سوغۇچلارغا بەرداشلىق بىرىپ يەنىلا مەشىق قىلىش ، تۈرلۈك تاكتىكا ، قارىغا ئېتىش ، سەپ تۈزۈش قاتارلىق تۈرلەردە توختىماي مەشىق قىلىش كېرەك . يەنە قەيسەرلىكىمىزنى تاۋلاپ چىقىشىمىز كىرەك ، چۈنكى ھەربىي قىياپەتنى بىر كۈن بولسىمۇ باشتىن كەچۈرمىگۈچە ھەقىقى ھەربىي قىياپەتنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ ، يېتەكچى ئوفىتسېر قاتتىق مەشىققە سېلىشلىرى ، زوڭزىيىش ھالىتىنى ئىككى سائەت ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەشىق قىلىش ئازابى ، ئاخىرى تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئاخىر ھەربىي ئۇنۋان ئېلىپ ، ھەقىقىي ھەربىيگە ئايلاندۇق .

★ ئىككى يىللىق ۋەزىپە !

يېڭى گازارمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كونا ئەسكەرلەر گازارمىسىغا كىلىپ يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىش بىلەن ئۇچراشتىم . مېنىڭ يېشىم كىچىك ، بولسىمۇ يەنىلا مەشىقلەرگە تۇلۇق قاتنىشىشىم ۋە يىتىشىپ مېڭىشىم كىرەك ، بەنجاڭ ( يەرلىكتىكى ئاتىلىشى سىنىپ باشلىقى ) ماڭا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ ، مەنمۇ قاتتىق جاپاغا بەرداشلىق بىرىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بەنجاڭ ( يەرلىكتىكى ئاتىلىشى سىنىپ باشلىقى ) بولدۇم ( يېڭى ئەسكەر كەلگەندىن كېيىن ) مەن ئۇلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئالدىم ، بۇ قىسىمدىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش روھىدۇر .

★ ئىككى يىللىق ۋەزىپە !

ئىككى يىل ناھايىتى مەنىلىك ئۆتتى ، قىسىم دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىبى قىسمى ، شۇڭا قاتتىق مەشىق قىلىش ، يېڭى تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ دۆلەت بىخەتەرلىكى قەتئىي قوغدىشىمىز كىرەك ، شۇڭا مەن ئىزچىل ئۆگىنىش بىلىمىمنى ئۆستۈردۈم . تۈرلۈك مەشىق ۋەزىپىلىرىگە تۇلۇق قاتناشتىم ۋە بۇ جەرياندا دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ھېس قىلدىم .

★ ئىككى يىللىق ۋەزىپە !

ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى ، ئاخىرىدا گازارمىدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتتى . بۇ سەپداشلارغا ۋە گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىگە قىيالماسيىن دىرەك بىرەتتى ، بەلكىم ھەربىي گازارما سىرتىدا مېنىڭ بېرىپ تاماملىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئىشلار ( قىسمەتلەر ) بولۇشى مۇمكىن ، گەرچە كېتىپ قالغان بولساممۇ ، لېكىن مېنىڭ بۇرچۇم يەنىلا ئېسىمدە ، چاقىرغان ھامان كېلىپ ، جەڭ قىلىمىز ( 如有战 ، 召必回 ) شۇنداقلا چوقۇم غەلىبە قىلىسىز !

جەڭچى
رىشتىم ئەلدە ئۈزۈم چىگرادا ،
ئەسكەرمەن قۇلۇقۇم ھامان بۇيرۇقتا .
جىنىم پىدا ئەلنىڭ يولىدا ،
چىن سۆيگۈم بار ئاۋام پۇخراغا .
★★★
ۋەتىنىم مەنپەتى ھەممىدن ئەلا ،
قان تەر تۆككەن خەلىقىم يولىدا .
ھەربىلەرنىڭ قىممىتى قايدا ،
خالىس تۆھپە قۇشۇشتا .

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ

  1. بايقۇت

    كىچىككىنە ھىكايە قىسمەتلىرىڭىزدىن ، سىزنىڭ ئۆزدۆلىت، يۇرت-ماكانىنى سۆيىدىغان ، مىننەتتارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ، ئېسىل-پەزىلەتلىك ، دانا پىشقان ، ھۆررمەتلەشكە تىگىشلىك شەخىس ئىكەنلىكىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
    سىزگە قايتا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، شۇنداقلا تىنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.[aru_66]