ئۈنۈملۈك ئۈگۈنۈش قىلىش ھەققىدە

ئەلدەربەگ 371 0
- o +
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! ئۈگۈنۈش قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەرخىل بۇلۇپ مۇنتىزىم قېلىپى بولمايدۇ ، پەقەت ئۈزىڭىز ياقتۇرغان ئاساستا ئەڭ ئەركىن ئۇسۇلنى تاللاپ ئۈگۈنۈش قىلسىڭىز ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ ، بۇ تىمىدا بىز ئۈنۈملۈك ئۈگۈنۈش قىلىش ھەققىدە تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرگە كۆز يۈگۈرتىپ باقايلى ، ئەگەر سىزگە ماس كەلگۈدەك ( باللىرىڭىزنى كۆزدە تۇتقاندە بۇ يەدە ) بولۇپ قالسا پايدىلىنىپ قالارسىز...
ئۈنۈملۈك ئۈگۈنۈش قىلىش ھەققىدە
1. مۇستەقىل ئۈگۈنۈش قىلىڭ ، ئەگەر ھەمكارلىشىپ ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز ، تەشكىللەشچانلىقىڭىز بۇلىشى كىرەك .
2. مۇقۇم ھالدا كىشىلەرگە ھوزۇر بىرىدىغان جايدا ئۈگۈنۈش قىلىڭ .
3. ئەڭ مۇھىمى ، مۇھىتىڭىز شاۋقۇندىن نېرى بولسۇن ، ئەگەر باشقىلار پاراڭلىشىۋاتقان ياكى تېلۋىزۇر كۆرۈۋاتقان بولسا ئىشكىڭىزنى يېپىۋىلىڭ .
4. ئۈگۈنۈش قىلىش مۇھىتىڭىز يۇرۇق ۋە ھاۋالىق بولسۇن ، ئىشىك دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇڭ .
5. كارۋاتقا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئۈگۈنۈش قىلماڭ ، بولمىسا شىرىن ئۇيقۇ سىزنى ئۈگۈنۈشتىن خوشلاشتۇرىدۇ .
6. بىر تەرەپتىن تىلۋىزور كۆرۈپ ياكى مۇزىكا ئاڭلاپ ئۈگۈنۈش قىلماڭ .
7. نەرسە يەپ ئولتۇرۇپ ئۈگۈنۈش قىلماڭ .
8. ئۈزىڭىزگە راھەت ئۈگۈنۈش شارائىتى ھازىرلاڭ .
9. سىزگە كىتاپ ، دەپتەر ، سىزغۇچ ، قەلەملەرنى قويىدىغان چوڭراق بىر ئۈستەل كىرەك .
10. قولىڭىزدىن لوغەت چۈشمىسۇن ، يۇلۇققان مەسىللەرنى ھەرۋاقىت ھەل قىلىپ تۇرۇڭ .
11. ماتىريال سومكىڭىزنى ياخشى ئاسىراڭ . كۈندۈزى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ ، چۈنكى ئۈگۈنۈش قىلغاندا ماتىريال ئىزدەشتىن ساقلىنىڭ .
12. ئۈگۈنۈش قىلغاندا ، كۈزىڭىز بىلەن كىتاپ ئارلىقى بەك يېقىن بولۇپ قالمىسۇن ، بولمىسا كۆرۈش قۇۋىتىڭىز تۆۋەنلەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋالىسىز .
13. كەچتە بالدۇر ئۇخلىسىڭىز ئەتىسى روخلۇق قۇپىسىز ، چۈنكى بەك چارچاپ كەتسىڭىز ئۈگۈنۈشتە قىينىلىسىز .
14. ئۈزىڭىز ئەڭ ياقتۇردىغان ۋاقىتتا تاپشۇرۇق ئىشلەڭ ، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كىيىن بولسۇن ،ھەمدە داۋاملىق شۇ ۋاقىتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىڭ .
15. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈڭ ، ئۆزرايىزغا بىر سائەت ئۈگۈنۈش قىلىڭ ، مۇۋاپىق دەم ئېلىڭ ، لىكىن دەم ئېلىش ۋاقتىڭىز ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن .
16. تىكىست ئوقۇغاندا ئالدى بىلەن بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ ئاندىن مۇھىم نوقتىنى تاللىۋېلىڭ ، بۇ سىزنىڭ تىكىستنى ياخشى ئەستە قالدۇرشىڭىزغا تاردەم بىرىدۇ .
17. ماتىماتكا ئىشلىگەندە ، ئالدى بىلەن سىنىپتىكى مەشىقلەرگە بىرقۇر كۆرۈپ تەكرارلىۋېلىپ ئاندىن مىسال ئىشلىسىڭىز ئاسان بۇلىدۇ .
18. ئۈگۈنۈش ۋاقتىدا پۈتۈن دىققىتىڭىزنى يىغىڭ ، زىھنىڭىزنى چاچماڭ .
19. ئاچ قورساق ئۈگۈنۈش قىلماڭ ، ئەمما تاماق يەپ بولۇپلا ئۈگۈنۈش قىلىشمۇ ياخشى ئەمەس .
20. كۈن بويى ئۈگۈنۈش قىلماڭ ، سىز يەنە دەم ئېلىشقا مۇھتاخ .

تارقۇت ئېلانى
باھا يوللاش جاۋاپ