ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

مەنبە قىران 0908 553 0
- o +
تارقۇت ئېلانى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ! ئۇزۇن مۇددەت شەكىللەندۈرگەن ئادەت سەۋەبىدىن ھەركۈنى سەھەر سائەت 6 دە مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈگىرەيمەن . بۇ ۋاقىتتا ، ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا تىجەن كەنىتتىكى خانىم قىزلار ئاللىبۇرۇن تازلىققا چۈشۈپ كېتىدۇ ، يەنە كۆپ قىسىم چوڭلار كەنىت ئىچىدە سەيلە قىلىدۇ . يەنە بۇ كەنىتتىكى ئىش قىلۋاتقان ياش بالىلار پەقەت سىز قولىڭىزنى سوزىسىڭىزلا ئۇلار دوستانە ھالدا سىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرشىدۇ ، ئۇ قوللار نەم ، يېرىق ، ھەم توپا . بىردەمدىن كېيىن كەنىتتىكى بالىلار مەكتەپكە مېڭىش يولىدا مېنى ساقلايدۇ ، مەن بىلەن بىردەم بىللە يۈگۈرەيدۇ . شۇڭا ئەگەر سىز سائەت 6 دە تىجەن كەنتىگە كەلسىڭىز ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر مەنزىرىنى كۆرەلەيسىز ، بىر خەنزۇ يىگىت بىر توپ ئۇيغۇر بالىلارنى باشلاپ يۈگىرەيدۇ . يولنىڭ ئىككى تەرپىدىكى بوۋاي، مومايلار خۇشاللىقىدىن ياخشى دەپ توۋلىشىدۇ .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟
كەنىتتە تۇرغاندىن كېيىنكى نەچچە ئايدا ، خىزمەت تۇرمۇشلىرىمنى مەن تىجەن كەنتىدىكى كىشلەر بىلەن بىرگە ئۆتكۈزدۈم . بىر شىمالى شىنجاڭلىق بولۇش سۈپۈتىم بىلەن ، كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدىكى ئۇچۇرش جەريانىدا ئۇچىراتقىنىم شىمالى شىنجاڭدىكى كىشلەر بىلەنلا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭدىكى باشقا رايۇندىكى كىشلەرگىمۇ پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن .

ئاتۇشلۇقلار ئېيتىشقا بولمايدىغان 8مەخپىيەتلىك .

ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

1. ئورتاق تىل

تىل بولسا ئالاقە قورالى . ئاتۇشچە ئۇيغۇرتىلى ، ئۇيغۇرتىلى ئىچىدىكى ئورتاق تىل . قەشقەر خوتەندىكى ئۇيغۇرچىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ناھايىتى « قوپال » بۇ خىل « قوپال »لىق بىرىنجىدىن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ قاتتىقلىقىنى ، ئاۋازىنىڭ جاراڭلىق چىقىدىغانلىقىنى ، ئىككىنجىدىن ئۇلارنىڭ گەپنى ئۇدۇللا قىلىدىغان ، گەپنىڭ نىگىزلىك يېرىنىلا ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

2. ئۇسۇل

ئاتۇشلۇقلار مەشىرەپ ئوينىغان ۋاقىتتا ، ھەركەتلىرى ناھايىتى چەپدەس ، ئۇلار ئۇسۇل ئوينىغان ۋاقىتتا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوينايدۇ ، قول ھەركىتىمۇ ناھايتى جانلىق . بىراق ئاتۇشلۇقلار ئوينىغان ئۇسۇل ھەرگىزمۇ « دولان » ئۇسۇلى ئەمەس . ئۇلار ئۇنچىمۇ جانلىق ئوينىمىسىمۇ بولىدىغان مەشىرەپ ئۇسۇلىنى ناھايىتى جانلىق ئوينايدۇ .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

3. مائارىپ

ئاتۇشلۇقلار مائارىپنى ھۆرمەتلەيدۇ ، ناھايتى كۆپ باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخى بار . تىجەن كەنىت باشلانغۇچ مەكتىپى 1934-يىلى قۇرۇلغان ، ھېساپلاپ كەلسەك 80 نەچچە يىللىق تارىخى بار ، كەنىتتە بىرمۇ مەكتەپتىن قاچىدىغان بالا يوق . تىجەن كەنتىدىكى كۈندىلىك زىيارەت خىزمىتى جەريانىدا ، مەن مۇنداق بىر قىزقارلىق ھادىسىنى بايقىدىم : ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولغان كىشلەرنىڭ ئائىلە كىرىمىمۇ شۇنچە يۇقىرى . ئاتۇشتا ، قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيسىنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقىرىكەن ، بىر بوۋاينىڭ ئېيتىشچە ، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ بىر ئۇقۇمى بار بولۇپ ، قىزلار ئانا بولغۇچىدۇر ، ئانا بولغۇچىنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشى شۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلشىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىكەن . شۇڭا ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ ، پۇلى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئاتۇشلۇقلار چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ باللىرىنى مەكتەپتە ئوقۇشقا بېرىدىكەن ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاۋال قىزىنى ئوقۇتۇپ ئوغلى ئارقىلىق ئىقتىسادىنى ئورۇنلاشتۇردىكەن .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

4. سودا

ئىقتىساد ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودا تارىخى ئۇزۇن ، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى جې جىياڭ ، ۋېنجوۋ قاتارلىق جايلاردا سودا قىلىدۇ ، ئۇلار سودىغا ئۇستىلىقى بىلەن پۈتۈن مەملىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاتۇشلۇقلار سودىغا ماھىرلىقى بىلەن نام چىقارغان ، بىراق ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودىدا قانداق مۇۋەپىقىيەت قازانغانلىقىنى ئانالىز قىلساق ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي ، تىرىشچانلىقى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر . بۇ ئامىل ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودا ماركىسى ھەم ئاتۇشلۇقلارنىڭ زىممىسىگە بېسىلغان مۆھۈر .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

5. يېمەك-ئىچمەك

ئاتۇشلۇقلار تاماق ئىتىشكە بەك ئۇستا ، ئۇلارنىڭ لەغمەن ، پولو ، سامسا ، قازاننان ، كاۋاپلار بەك يېيىشلىك . تىجەنلىك كىشلەرنىڭ بازار ئىچىدىمۇ نۇرغۇلىغان ئاشخانىسى بار ، ھەر قېتىم ئۇلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزلىرى ئاچقان ئاشخانىغا تەكلىپ قىلغاندا ، مەن يەنىلام يىراق يېقىنغا داڭقى بار ئاتۇش لەغمىننى يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن . ئاتۇشلۇقلار تەييارلىغان يىمەكلىكلەر شۇنداق يىيىشلىك بولۇپ ئۇلار ئەزەلدىن ئىسىراپ قىلىۋەتمەيدۇ . پۇلى بار بايلارمۇ ھەم شۇنداق . كەنىتتىكى كىشلەر تاماق ئاشۇرۇپ قويسا ھەرگىزمۇ تۆكىۋەتمەيدۇ ئەكىسچە دەرەخلەرگە قويۇپ قۇشلارنى باقىدۇ .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

6. پۇتبول

پۇتبول تەنھەركىتى بولسا ئاتۇش تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن باشلانما . ئاتۇشنىڭ « يىپەك يولىدىكى پۇتبول ماكانى » دەيدىغان نامى بار . ئاتۇشلۇقلارنىڭ قېنىدا پۇتبولنىڭ گېنى ئاقىدۇ . ئۇلار پۇتبولنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ ، ھەر يىلى ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ؛ ئۇلار بالا تەربىيسىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ، ھەر قايسى كەنىتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول كوماندىلىرى بار ، كەنىتتە دائىم 3 تىن 5 گىچە بالىنىڭ توپ تەپكىننى كۆرگىلى بولىدۇ . 1982-يىلى ئاتۇش كوماندىسى پاكىستان بىلەن جۇڭگۇ پاكىستان دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ ئۇلارنى ئۇتىۋالغان ، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان . 2015-يىلى روسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك خەلىقئارا ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن قاتناشقان ئاتۇش كوماندىسى چىمپىيونلىققا ئېرىشىپ يەنە بىر قېتىم پۇتبول ماكانى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

7. نەزەر دائىرە

ئاتۇشلۇقلار سىرىتلارغا نەزەر تاشلارنى ياخشى كۆرىدۇ ، مەيلى سىرىتلاردا ئىشلىسۇن ياكى سودا قىلسۇن ، مەيلى ساياھەت قىلسۇن ، باشقىلار نىمە ئىش قىلۋاتىدۇ ، باشقىلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ ، قانداق پۇرسەتلەر بار دىگەنلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ . بۇ خىل كۆزدىن كەچۈرۈش ئاتۇشلۇقلارنىڭ نەزەر دائىرسىنى سودا ئېڭىنى كېڭەيتىدۇ .
ئاتۇشلۇقلارنى چۈشۈنۈپ باقامسىز ؟

8. ئىتىپاقلىق

ئاتۇشلۇقلار سودا ئىقتىساتتا مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر ، ئۇلارنىڭ ياشلىرى ئىگىلىك تىكلىگەندە ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىسى ئىگىلىك تىكلىگەندە ، نۇرغۇنلىغان ئىقتىساتنى يىغىدۇ ، بىراق ئۇلار ئاتۇشلۇنى يىلتىز تارتىپ ، ھەرگىزمۇ نۇپۇسىنى باشقا يەرگە يۆتكىمەيدۇ . ئۆز يۇرتىنى سۆيىدۇ .
كەنىتتە تۇرۇش جەريانىدا ئاتۇشلۇقلارنىڭ سەمىمىي ، تىرىشچان ، ئاقكۆڭۈل ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىدىغان ، كۆڭۈل قويۇپ سودا قىلىدىغان باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئېسل پەزىلەتلىرىنى بايقىدىم . بۇ گۈزەل زېمىننى ئۆزۈمنىڭ ئىككىنجى يۇرتى قىلىشىنى تاللىدىم .

گۈزەل ئاتۇش

مەنبە : ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر سالونى

تارقۇت ئېلانى

باھا يوللاش جاۋاپ