بىكەت ھەققىدە

كەمىنە بىلوگچىلىققا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن ، بىلوگ ئىشتىياقى سەۋداسىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن تارقۇت بەگلىكىنى قۇرۇپ چىقتىم ، بەگلىكىمىز سەككىز يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۈگەنسەم يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ دوستلارنىڭ بىلوگ قۇرۇش يولدا قىينالغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشىغا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىپ كەلدىم ھەمدە بۇ روھنى تۇرانىڭ ئىلگىرلەش نىشانى ۋە مەخسىتى بىلىپ كەدىم ، بۇ ئاددى كەپەمدە مىنىڭ ئىزدىنىشلىرىمدىن كەچمىشلىرىمدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرغاندىن سىرىت داۋاملىق تۈردە بىلوگچىلىقتا قىينالغان بۇرادەرلەرگە مەسىللەرنى ھەل قىلىشىپ بىرىمەن .

    تارقۇتنامە
  • تەقدىردىن زارلىنىش ناداننىڭ ئىشى ،
  • تەتبىرسىز خارلىنىش ھايۋاننىڭ ئىشى .
  • ئۆزۈڭنى گەر ئۆزۈڭ ئادەم ئەتمىسەڭ ،
  • سەن بىلەن يوق ھەرگىز جاھاننىڭ ئىشى .
  • ئەلدەربەگ

بىكەت قىسقىچە تارىخى

2017 - ھازىرغىچە

تارقۇت تور تۇرايى

نۆۋەتتە كۆرگىنىڭىزدەك بىللە ئۈگۈنۈش تەڭ ئىلگىرلەش پەلسەپەسى تۈرۈتكىسىدە قىلچە بۇشاشماي بىلوگچىلىق ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇش يولىدا ئىزدىنىپ كىتىپ بارىمەن

2014 - 2017

ئارتۇچ تور تۇرايى

بەزى ئىشلارنى ئۈزۈم قول سېلىپ قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندىن كىيىن تېرىشىپ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە ئارتۇچ تور تۇرايىنى قۇرۇپ چىقتىم ۋە ئۈگەنگەنلىرىم ئاساسىدا بىلمىگەنلەرنى يىتەكلەشكە باشلىدىم

2012 - 2014

لۇتۇن بىلوگى

BlogBus مۇلازىمەتنى توختاتقاندىن كىيىن ئاندىن WordPress سېستىمىسىغا كۆچتۈم ۋە بۇ ئىككى يىلدا ئۇيغۇربەگ ، مۇئەللىم ۋە دوغاپ قۇرۇپ بەرگەن بىلوگلانى ئىككى يىل ئەتراپىدا قاتىرىغاندىن بولدۇم

2010 - 2012

ئەلدەر بىلوگى

ئەينى يىللىرى مودا بولغان BlogBus بىلوگى بولۇپ لىكىن مەن ئۇچراشقان ۋاقىتلار ئاخىرقى باسقۇچى ئىدى ، ئۇچاغلاردا بىلوگچىلار WordPress قا كۆچۈشنى باشلىۋەتكەن ئىدى

بىكەت قۇراللىرى